UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشگوگۇل

گوگۇل

ئۆگىنىش گوگۇل روسىيىنىڭ19 - ئەسىردىكى داڭلىق رېئالىزملىق يازغۇچىسى، ئۇنىڭ «ئۆلۈك جانلار»، «رېۋىزور» قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى روسىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ يېزىقچىلىققا ئىنتايىن كەسكىن مۇئامىلە قىلاتتى، ئەسەرلىرىدىكى ھەربىر خەت، ھەربىر سۆز، جۈملە ۋە بابنى تاكى ئۆزى تولۇق رازى بولغانغا قەدەر قايتا - قايتا مۇھاكىمە قىلاتتى. بىر قېتىم ئۇ بىر پارچە سەھنە ئەسىرى يېزىپ، داڭلىق شائىر ژۇكوۋسكىينىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇنىدۇ. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن گوگۇل ئەسىرىنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىدۇ. لېكىن، ياشىنىپ قالغان ژۇكوۋسكىينىڭ چۈشتە ئۇخلايدىغان ئادىتى بولغاچقا، ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالىدۇ. گوگۇل بۇنى كۆرۈپ دەرھال ئوقۇشنى توختىتىپ، ئۇنىڭغا: «مەن سىزنىڭ ئەسىرىمگە بولغان باھايىڭىزنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەنىدىم، سىزنىڭ ئەسىرىمنى ئاڭلاۋېتىپ ئۇخلاپ قالغىنىڭىز ئەڭ ياخشى جاۋاب بولدى» دەپلا ئەسەرنىڭ ئورىگىنالىنى مەشكە سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. گوگۇلنىڭ «ئۆلۈك جانلار» ناملىق رومانىنىڭ بىرىنچى تومى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن پۈتكۈل روسىيىنى كۈچلۈك لەرزىگە سالىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كىشىلەر بۇ روماننىڭ ئىككىنچى تومىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشكە باشلايدۇ. لېكىن، ئىككىنچى تومنى يېزىش ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، چۈنكى گوگۇل رومانىنىڭ ئىككىنچى تومىدا ئىلگىرىكى مەقسىتىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بىرىنچى تومدىكى پېرسوناژلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى دېگەندەك چىن بولماي قاپتۇ دەپ قاراپ، ئىككىنچى تومنىڭ يېزىلىپ بولغان قىسمىدىن رازى بولمىغاچقا، ئورىگىنالنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ قايتا يېزىشقا كىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەسەرنى قايتا - قايتا ئۆزگەرتىش ، كۆيدۈرۈۋېتىپ قايتا يېزىش ئارقىسىدا، «ئۆلۈك جانلار» نىڭ ئىككىنچى تومىنى يېزىشقا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ10 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئەپسۇسكى، گوگۇل ئەسەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بېتىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئەسەرنى يەنىلا ياخشى چىقمىغاندەك ھېس قىلىپ،10 يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان بۇ ئەسىرىنىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. گوگۇل ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىدا: يازغان ئەسىرىمدىن ئۆزۈممۇ رازى بولمىسام، تاشلىۋېتىشكە رازىمەنكى، ھەرگىز يەڭگىللىك قىلىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەيمەن، بولمىسا، ئۇنداق ئەسەر ئەۋلادلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ، دېگەن قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان. گوگۇل گەرچە «ئۆلۈك جانلار» رومانىنىڭ ئىككىنچى تومىنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرگە ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كەسكىن مۇئامىلە قىلىشتەك قىممەتلىك روھنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش
گوگۇل | UyghurWiki | UyghurWiki