دەي جېن
ئۆگىنىش
دەي جېن ئېلىمىزنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق تېكىستولوگى، ماتېماتىكى بولۇپ، سوئال سوراشقا ئامراق مىجەزى ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە داڭلىق ئالىمغا ئايلىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان.
دەي جېن كىچىكىدىن باشلاپ تىرىشچان، سوئال سوراشقا ئامراق ئىدى، كىتابلارنى ئەستايىدىل ئوقۇيتتى، تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ئامراق ئىدى، چۈشىنەلمىگەن يەرلىرىنى مۇئەللىمدىن سوراپ ئايدىڭلاشتۇرۇۋالمىغۇچە بولدى قىلمايتتى.
بىر قېتىم دەي جېننىڭ ئۇستازى بىر كىتاب ھەققىدە سۆزلەۋېتىپ، بىر ئابزاسنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن: بۇ بىر باب «دەستۇر» دېيىلىدۇ، بۇنى كۇڭ زى ئوتتۇرىغا قويغان، زېڭ زى خاتىرىلىگەن؛ كېيىنكى ھەر قايسى بابلار «تەرجىمىھال» دېيىلىدۇ، بۇلار زېڭ زىنىڭ بايانلىرىدۇر، ئۇنى زېڭ زىنىڭ شاگىرتلىرى خاتىرىلىگەن، دېگەن. ئۇستازىنىڭ بۇ گېپىدىن كاللىسىدا سوئال تۇغۇلغان دەي جېن: «ئۇستازنىڭ بۇنداق دېيىشىدە قانداق ئاساسى باركىن؟» دەپ سورىغان. ئۇستازى تەمكىنلىك بىلەن: «بۇ گەپنى داڭلىق پەيلاسوپ جۇ شى ئېيتقان، شۇڭا ئۇنىڭ خاتاسى يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن. دەي جېن يەنىلا قايىل بولماي: «داڭلىق پەيلاسوپ جۇ شىنىڭ سۆزى خاتا بولۇپ قالمايدۇ دەپ كىم كېپىللىك قىلالايدۇ؟ جۇشى بىلەن كۇڭ زى، زېڭ زىلار ياشىغان دەۋر ئوخشاش ئەمەس تۇرسا» دەيدۇ. ئۇستازى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ: «كۇڭ زى بىلەن زېڭ زى ئەمىنىيە دەۋرىدە ياشىغان، جۇ شى بولسا جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان، ئۇلار ياشىغان دەۋرلەر2000 يىل پەرق قىلىدۇ» دەيدۇ، بۇ گەپنى ئاڭلىغان دەي جېن تېخىمۇ چۈشىنەلمەي: «ئۇلار ياشىغان دەۋرلەر2000 يىل پەرق قىلغانىكەن، جۇ شى بۇنداق دېيىشتە نېمىگە ئاساسلانغان؟» دەپ سورىغان، ئۇستازى بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەي قالغان.
كۆپ ئويلىنىدىغان، سوئال سوراشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ خىل ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى ئۇنى تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە قىلىپ، داڭلىق ئالىمغا ئايلاندۇرغان.
كۆپ ئويلىنىش، سوئال سوراشنى ياخشى كۆرۈش بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. تەپەككۇر ئىلمىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەسىلىنى ھەل قىلغاندىنمۇ بەكرەك بىر ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن. سوئال ئادەمنىڭ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشىدىن كېلىدۇ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى بىلىمدىن قانائەت ھاسىل قىلمىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۇنى كىشىلەرنىڭ بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ۋە يېڭى بىلىملەرنى بايقىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.