UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشلياڭ چىچاۋ

لياڭ چىچاۋ

ئۆگىنىش لياڭ چىچاۋ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشىغان بولۇپ، مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى داڭلىق ئالىم. ئۇ مول بىلىم ئىگىلىگەن، ئىقتىدارلىق، داڭلىق شەخس بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ تەنقىدىي پىكرىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلاتتى. لياڭ چىچاۋ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىلا ئۆزگىچە تىرىشچانلىقى، ئەقىل - پاراسەتلىكلىكى بىلەن يۇرتىدا داڭق چىقارغان، ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىگە چوڭلارمۇ قايىل بولۇپ، ئاپىرىن ئوقۇغان. لياڭ چىچاۋ17 ياشقا كىرگەن يىلى ئەينى چاغدىكى داڭلىق ئالىم كاڭ يۇۋېينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان. لېكىن، ئويلىمىغان يەردىن كاڭ يۇۋېي ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى ماختاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ۋاقتى ئۆتكەن كونا، ھېچقانداق ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى يوق نەرسىلەرنى يېزىپسەن دەپ تەنقىد قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئەلنى ئەمىن تاپتۇرۇشقا كېرەكلىك بىلىمنىڭلا ھەقىقىي تالانت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇنداق قاتتىق تەنقىد ئادەتتىكى چاغلاردا ماختاش سادالىرىنى تولا ئاڭلاپ كۆنۈپ كەتكەن لياڭ چىچاۋغا خۇددى بېشىغا قاتتىق كالتەك يېگەندەك تولىمۇ ئېغىر كەلگەن، شۇ كۈنى ئۇ توپتوغرا بىر كېچە ئۇخلىيالمىغان. بۇ ئىش ئاخىر ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتۈپ، كاڭ يۇۋېي بەرگەن تەنقىدنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئەتىسى ئۇ ئىككىنچى قېتىم كاڭ يۇۋېينىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنى رەسمىي ئۇستاز تۇتقان. كېيىن لياڭ چىچاۋنىڭ بىلىمى تېخىمۇ كۆپىيىپ، داڭقى تېخىمۇ ئاشقان. ئۇنى ماختايدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيگەن، ئۇمۇ ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ يۈرگەن. ئويلىمىغان يەردىن، بىر كۈنى بىر دوستى ئۇنىڭغا: «ئەسەر يېزىشنىڭ ئىككى مەنزىلى بولىدۇ، بىرى، ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈش، سەن بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولدۇڭ، سېنىڭ ئەسىرىڭنى ئوقۇغان ئادەم تەسىرلەنمەي قالمايدۇ؛ ئىككىنچىسى، يازغان ئەسەرنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشى، سىماچيەننىڭ <تارىخنامە> دېگەن ئەسىرىگە2000 يىل بولاي دەپ قالدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تا ھازىرغىچە قانچە قېتىملاپ ئوقۇسىمۇ ئادەمنىڭ يەنىلا ئوقۇغۇسى كېلىپ تۇرىدۇ. سېنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى يازغانلىرىڭنىڭ ئىچىدە قانچە ئوقۇسىمۇ ئادەمنى زېرىكتۈرمەيدۇ دەپ تەرىپلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئادەمنى ئۈچ قېتىم ئوقۇپ چىقىشقا ئۈندىگۈدەك ئەسىرىڭدىن نەچچىسى بار؟» دېگەن. لياڭ چىچاۋ بۇ گەپتىن ناھايىتى خاپا بولۇپ، قايىل بولمىغان ھالدا: «ئېيتىپ باقە، قانداق قىلغاندا كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغۇدەك نەرسە يازغىلى بولىدۇ؟» دەپ سورىغان. دوستى مۇنداق دېگەن: «يازغان ئەسەرلىرىڭنى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇراي دېسەڭ، يازغانلىرىڭنىڭ تېگىگە چوڭقۇر مەنە يوشۇرۇنغان بولۇشى كېرەك. گەپنىڭ تېگىدە گەپ بولغاندىلا، كىشىلەر ئۇنى قانچە قېتىملاپ ئوقۇسىمۇ زېرىكمەيدۇ. ئەگەر قەلەمكەش ئەسەردە دېمەكچى بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بايان قىلىۋېتىپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئازراق تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر بوشلۇقى قالدۇرۇپ قويمىسا، ئۇنى قانداقمۇ ئىككىنچى قېتىم ئوقۇپ باققۇسى كەلسۇن؟ ئەسەردە گەپ ئوچۇق ئېيتىلمىسا، ئەلۋەتتە ئادەمنى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ، لېكىن ھەممە گەپ ھەم تولۇق، ھەم ئوچۇق بايان قىلىۋېتىلسە، ئۇنىڭ ئىچىدە يوشۇرۇن مەنە بولمىسا، كىشىلەر ئەلۋەتتە بىر قېتىم ئوقۇپلا بولدى قىلىدۇ. كىممۇ ئۇنىڭدا قانداق يوشۇرۇن مەنە بارلىقىنى ئىزدەپ يۈرسۇن؟» لياڭ چىچاۋ دوستىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، بەرگەن تەنقىدىنىڭ دەل جايىغا تەگكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ سەمىمىي تەنقىدىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان. باشقىلارنىڭ دوستانە تەنقىدىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى يېڭىش ئارقىسىدا لياڭ چىچاۋ ئىلىم - كامالەتتە تېخىمۇ يېتىلىپ، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش
لياڭ چىچاۋ | UyghurWiki | UyghurWiki