UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشجۇ كېجېن

جۇ كېجېن

ئۆگىنىش جۇ كېجېن ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق ئالىمى بولۇپ، مېتېئورولوگىيە، كىلىماتولوگىيە، فېنولوگىيە، جۇغراپىيە، تەبىئىي پەنلەر تارىخى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازانغان. قەتئىي ئىرادىسىدىن يانمايدىغان ئۆگىنىش روھى ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق زور نەتىجىلەرنى يارىتىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. جۇ كېجېن نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، دائىم ھەر خىل ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىۋېلىپ تېمپېراتۇرا، ھاۋا بېسىمى، شامال يۆنىلىشى، ھاۋا رايى، فېنولوگىيە قاتارلىق مېتېئورولوگىيىگە دائىر ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ ۋە خاتىرىلەپ ماڭغان.1958 - يىلى ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا تەكشۈرۈشكە بارغان، بۇ جەرياندا سايرام كۆلىدىن ئىككى قېتىم ئۆتۈپ، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى خاتىرىلىۋالغان. ئۇ9 - ئاينىڭ14 - كۈنى خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغان: «سائەت11 دىن32 مىنۇت ئۆتكەندە ئالدىمىزدا قېنىق كۆك رەڭلىك بىر كۆل كۆرۈندى، ئۇ سايرام كۆلى ئىدى، كۆل بويىدا سەنتەي دەيدىغان بىر ئۆتەڭ بار ئىكەن. تاغدىن چۈشۈپ ئەرتەيگىچە بولغان يەرلەرنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ نەنسەن تېغىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن … » ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ قايتىش سەپىرىدە يەنە سايرام كۆلىدىن ئۆتۈشىدە مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان: «يەنە سايرام كۆلىنىڭ بويىغا كەلدۇق، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچىدىم، بۇ چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت بولغان چاغ بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى12 سېلسىيە گرادۇس، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى14 سېلسىيە گرادۇس چىقتى. شۇ يەردىكى تاشيول رېمونت قىلىشقا مەسئۇل قازاقلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۆلنىڭ سۈيى تۇزلۇق بولۇپ، چارۋا - ماللار ئىچسە بولىدىكەن، ئادەم ئىچسە بولمايدىكەن، يەر سۇغىرىشقىمۇ بولمايدىكەن. كۆلنىڭ سۈيى ناھايىتى سۈزۈك ئىكەن، مەن تەجرىبە قىلىپ بېقىش ئۈچۈن كۆل سۈيىدىن ئەۋرىشكە ئېلىۋالدىم.» ئۇ يېرىم يىلدىن كېيىن سايرام كۆلىدىن ئېلىۋالغان سۇنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئانالىز قىلىپ، ئانالىز نەتىجىسىدىن خاتىرە قالدۇرغان، شۇنداق قىلىپ، بۇ خاتىرە بىر پارچە مۇكەممەل ئىلمىي ماتېرىيال بولۇپ قالغان. جۇ كېجېن1936 - يىلى1 - ئاينىڭ1 - كۈنى تۇغۇلۇپ،1974 - يىلى2 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇ مۇشۇ قىسقىغىنا38 يىل38 كۈندە، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى بىرەر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا، كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپمۇ ھاۋا رايىدىن مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان: «بۈگۈن يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن1 سېلسىيە گرادۇس، تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن7 سېلسىيە گرادۇس، بىر بالدىن ئىككى بالغىچە شەرق شامىلى چىقتى، ھاۋا ئوچۇق، كېيىن بۇلۇتلۇق بولدى.» ئۇ مۇشۇ خاتىرىنى يېزىپ بولغاندا، قولى ھەرىكەتتىن قالدى، ئۇ بۇنى مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن خاتىرىلىگەچكە، خاتىرىسىنىڭ ئاخىرىغا: «مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتى» دەپ ئەسكەرتىپ قويغانىدى. ئۆگىنىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش كىشىلەردىن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر تۈرلۈك ۋەزىپە، شۇڭا كىشىلەر ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتتە ئۆسۈپ يېتىلىدىغانلىقىنى «دەرەخ بىر يىلدا ئەي بولىدۇ، ئادەم نەچچە ئون يىلدا ئادەم بولىدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن. ئىجتىھات بىلەن تىرىشىدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قىلىۋاتقان ئىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش
جۇ كېجېن | UyghurWiki | UyghurWiki