UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشلۇشۈن

لۇشۈن

ئۆگىنىش ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە ئەدىب لۇشۈن ئەپەندى ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتى. ئۇنىڭ: «ۋاقىت ھايات دېمەكتۇر، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئورۇنسىز خورىتىش ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر» دېگەن ناھايىتى ھېكمەتلىك سۆزى بار. لۇشۈن ئەپەندى ۋاقىتنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى، باشقىلار قەھۋە ئىچكەن، قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئولتۇرغان ۋاقىتلارنى ئۇ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلاتتى. يەنە ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەپ، ئىجتىھات بىلەن ئىشلىشىگە ۋە ئۆگىنىش قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلاتتى. ئۇ بېيجىڭدا تۇرغان مەزگىلىدە، قوشۇمچە كۇتۇپخانا قىلىۋالغان ياتاق ئۆيىنىڭ تېمىغا ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى شائىرى چۈي يۈەننىڭ: «ھېچقاچان غەم قىلمىغان كۈن چۆكسە تاغنىڭ كەينىگە، چۆچۈدۈم كۆكلەمدە بالدۇر كاككۇك چۈشۈپتۇ نەغمىگە» دېگەن ئىككى مىسرا شېئىرى بىلەن ئۆزى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان ياپونىيىلىك ئۇستازى تېڭيى ئەپەندىنىڭ سۈرىتىنى ئېسىپ قويغانىدى. لۇشۈن «كەچتە ئۈزۈلگەن سەھەر غۇنچىلىرى» دېگەن ئەسىرىدە: «ھەر كۈنى كەچتە چارچاپ كېتىپ بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالغۇم كەلگەندە، چىراغ يورۇقىدىكى ئورۇق گەۋدەم خۇددى ماڭا جاراڭلىق ئاۋازدا بىر نەرسىلەرنى دەيدىغاندەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇ مېنى ئۆزۈمنى تونۇشقا ئۈندەيدۇ ھەمدە غەيرىتىمنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئالىيجاناب سانايدىغانلار چىش - تىرنىقىغىچە ئۆچ كۆرىدىغان بىر نەرسىلەرنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دەپ يازغان. دېمەك، ئۇ چۈي يۈەننىڭ شېئىرى ۋە تېڭيى ئەپەندىنىڭ سۈرىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتنى جېنىدەك قەدىرلەيدىغان روھنىڭ تۈرتكىسىدە، لۇشۈن قىسقىغىنا56 يىللىق ھايات مۇساپىسىدە تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرگە دائىر نۇرغۇن ساھەگە يۈرۈش قىلىپ،10 مىليون خەتلىكتىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپ ۋە تەرجىمە قىلىپ، كېيىنكىلەرگە قىممەتلىك مەنىۋى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش