UyghurWiki
UyghurWikiنەشرىياتچىلىق بىلىملىرى«سېرىق چاكىنا گېزىت» لەرنىڭ بارلىققا كېلىشى

«سېرىق چاكىنا گېزىت» لەرنىڭ بارلىققا كېلىشى

نەشرىياتچىلىق بىلىملىرى شەھۋانىيلىق، قاتىللىق، جىنايەت قاتارلىقلارغا ئوخشاش پەس ئارزۇ - ھەۋەس تەرغىب قىلىنغان خەۋەر - ماقالىلەر بېسىلىدىغان گېزىت «سېرىق چاكىنا گېزىت» دەپ ئاتىلىدۇ. سېرىق چاكىنا گېزىتلەر ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ مەتبۇئات ساھەسىدىكى كاپىتالىستلاردىن پۇلىتسېر چىقارغان «دۇنيا گېزىتى»، خېرىست چىقارغان «سەھەر گېزىتى» پەس ئارزۇ - ھەۋەس تەرغىب قىلىنىدىغان «سېرىق ئۆسمۈر» ناملىق چاتما رەسىملەرنى بەس - بەستە باسقان، شۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق گېزىتلەر «سېرىق چاكىنا گېزىت» دەپ، بۇنداق خەۋەرلەر «سېرىق خەۋەر» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار نەشرىياتچىلىق بىلىملىرى