جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئاساسلىق گېزىتلەر
نەشرىياتچىلىق بىلىملىرى
مەملىكىتىمىزدە ھازىر2000 دىن ئارتۇق گېزىت بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «خەلق گېزىتى» نىڭ تىراژى ھەممىدىن كۆپ بولۇپ، كۈندە5 مىليون پارچىغا يېقىن بېسىلىدۇ. بېيجىڭدا بېسىلغاندىن باشقا، ماترىتسا (قاتتىق قەغەزگە چىقىرىلغان) نۇسخىسىنى فاكس ياكى ئايروپىلان ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىش يولى بىلەن شاڭخەي، ۋۇخەن قاتارلىق21 شەھەر ۋە توكيو، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا بېسىلىدۇ.1982 - يىلى1 - ئايدىن باشلاپ سان - فرانسىسكودا بېسىپ تارقىتىلىدىغان بولدى، تارقىتىلىدىغان دۆلەت ۋە رايون ھازىر120 دىن ئاشىدۇ. «خەلق گېزىتى» ئوتتۇرىدىن ئېچىلىدىغان قىلىپ16 بەت چىقىرىلىدۇ، ئۇنىڭ مۇھىم خەۋەر، ئوبزور، خەت - چەك، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت - مائارىپ، نەزەرىيە، ئەدەبىيات - سەنئەت، خەلقئارا بەت دېگەنگە ئوخشاش بەتلىرى ھەم قوشۇمچە سان ۋە مەخسۇس ئىستونلىرى بار. كۈندە16 بەتلىك چەتكە چىقىرىلىدىغان نۇسخىسىمۇ بار.
مەملىكەت خاراكتېرلىك گېزىتلەردىن ئاساسلىقى ئۇنىۋېرسال گېزىت «نۇر گېزىتى»، ئىشچىلارنى ئوبيېكت قىلىدىغان «ئىشچىلار گېزىتى»، دېھقانلارنى ئوبيېكت قىلىدىغان «جۇڭگو دېھقانلىرى گېزىتى»، ياشلارنى ئوبيېكت قىلىدىغان «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنى ئوبيېكت قىلىدىغان «جۇڭگو ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»، «جۇڭگو بالىلىرى گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەر چىقىدۇ. بۇلاردىن باشقا، «ئىقتىساد گېزىتى»، «پەن - تېخنىكا گېزىتى»، «ساغلاملىق گېزىتى»، «جۇڭگو تەنتەربىيىسى گېزىتى»، «قانۇنچىلىق گېزىتى»، «جۇڭگو كارخانىلىرى گېزىتى»، «جۇڭگو مائارىپى گېزىتى»، «ئەدەبىيات - سەنئەت گېزىتى»، «جۇڭگو ساياھەتچىلىكى گېزىتى»، «جۇڭگو مۇھىت گېزىتى» گە ئوخشاش كەسپىي گېزىتلەرمۇ چىقىدۇ، يەنە ئىنگلىز تىلىدا «جۇڭگو گېزىتى» مۇ بار.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «خەلق سىياسىي كېڭىشى گېزىتى» نى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى «ئىتتىپاقلىق گېزىتى» نى چىقىرىدۇ. جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار نىشان قىلىنغان «جۇڭگو ئاۋازى گېزىتى» ۋە باشقا گېزىتلەرمۇ چىقىدۇ. ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلاردا كۈندىلىك گېزىتلەر، كەچلىك گېزىتلەر ۋە كەسپىي گېزىتلەر چىقىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرمۇنچە ناھىيە دەرىجىلىك گېزىتلەرمۇ بارلىققا كەلدى.