بەت
نەشرىياتچىلىق بىلىملىرى
بەت خۇددى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايدۇ. گېزىت ئوقۇرمەننىڭ قولىغا تەگكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆزى ھەممىدىن ئاۋۋال بەتكە چۈشىدۇ. گېزىت بەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشى ئوقۇرمەنلەرگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سۈرەتمۇ، تېكىستمۇ بولغان، سۈرەتلەر يېزىقلىق خەۋەرلەرگە ماسلاشتۇرۇلغان بەت ياخشى بەت ھېسابلىنىدۇ، بەتلەردە مەلۇم ساندا سۈرەت بولسا، ئوقۇرمەنلەر يېزىقنىمۇ، شەكىلنىمۇ كۆرەلەيدۇ. بەت ئورۇنلاشتۇرغاندا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، يەنى بەتنىڭ قاق ئوتتۇرىسىنى مەركەز قىلىپ، ئۈستى، ئاستى، سول، ئوڭ تەرەپلىرىنىڭ ماس بولۇشىغا دىققەت قىلىپ، چوڭ - كىچىك ھەرپلەرنى، بېزەكلەرنى ماسلاشتۇرۇش، توغرا، تىك ماۋزۇلارنى جايىدا ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. پۈتۈن بەت يەنە ماس، كىشىگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدىغان بولۇشى كېرەك، ئۈستى زىچ، ئاستى شالاڭ ياكى چوڭ بولۇپ قالسا بولمايدۇ. بەت ئىستونلىرى ھەم خىلمۇخىل، ھەم پەرق ئەتكىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك.