UyghurWiki
UyghurWikiنەشرىياتچىلىق بىلىملىرىجۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ئەڭ بالدۇر نەشر قىلىنغان گېزىتلەر

جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ئەڭ بالدۇر نەشر قىلىنغان گېزىتلەر

نەشرىياتچىلىق بىلىملىرى مەملىكىتىمىزدە ئەڭ بالدۇر نەشر قىلىنغان مۇھىم گېزىت ئۈچ بولۇپ، ئۇلار: «ئوردا ئاخباراتى، كىچىك گېزىت، ئاستانە گېزىتى» (报京) دىن ئىبارەت. «ئوردا ئاخباراتى» تەخمىنەن تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە نەشر قىلىنغان، ئۇنىڭغا ئاساسەن خاننىڭ يارلىقلىرى، ئەمر - پەرمانلىرى، يۈرۈش - تۇرۇش، گەپ - سۆزلىرى، فېئودال خانىدانلىقنىڭ پەرمانلىرى، ئاخباراتلىرى، ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش، قالدۇرۇش، مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئالىي ھەزرەتكە سۇنغان مەلۇماتلىرى ۋە خاننىڭ تەستىقلىرى قاتارلىقلار بېرىلەتتى. «كىچىك گېزىت» ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چەكلەيدىغان قانۇنسىز گېزىت بولۇپ، شىمالىي سۇڭ زامانىسىنىڭ ئاخىرلىرى نەشر قىلىنغان، جەنۇبىي سۇڭ زامانىدا تازا روناق تاپقان، ئۇ ئاساسەن جايلاردىكى «ئوردا ئاخباراتى» تارقىتىلىدىغان، ئوردىغا كىرىپ مەلۇمات بېرىدىغان ئەمەلدارلارغا ھەم كىتاب دۇكانلىرىنىڭ خوجايىنلىرىغا تارقىتىلاتتى. گېزىت چىقارغۇچىلار ئوردا ۋە مەركەز ئورگانلىرىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقان بولۇپ، ئۇلاردىن خەۋەر تىڭ تىڭلايتتى. «ئاستانە گېزىتى» 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى نەشر قىلىنغان، ئۇ مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانىنىڭ ئىجازەت بېرىشى بىلەن نەشر قىلىنغان پۇقراۋى گېزىت بولۇپ، فېئودال ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتىدە چىقىرىلاتتى، ئۇنىڭغا ئالاقىدار تارماقلاردىن كۆچۈرۈۋېلىنغان «ھۆكۈمەت ئاخباراتى» نىڭ ماقالىلىرى بېسىلىدىغان بولۇپ، ئاشكارا تارقىتىلاتتى. ئەڭ بالدۇر دۇنياغا كەلگەن ھازىرقى زامان گېزىتلىرى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرى، چەت ئەللىكلەر جۇڭگودا چەت ئەل يېزىقىدا نەشر قىلغان گېزىتلەر بولۇپ، ئەڭ بۇرۇنقىسى پورتۇگالىيىلىكلەر ئاۋمېندا پورتۇگال يېزىقىدا نەشر قىلغان «جۇڭگو ھەسەل ھەرىسى گېزىتى» (报华蜂蜜) ئىدى، بۇ گېزىت1822 - يىلى9 - ئايدا نەشر قىلىنغان، باش مۇھەررىرى ئانتوننىئو. چەت ئەللىكلەر جۇڭگودا چەت ئەل يېزىقىدا چىقارغان گېزىتلەردىن تەسىرى ئەڭ چوڭى «شىمالىي جۇڭگو خەۋەرلىرى» (报西林字) گېزىتى بولۇپ، ئاز كەم100 يىل چىقىرىلدى. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزى چىقارغان خەنزۇچە گېزىتلەر ئىچىدە ئەڭ بالدۇر نەشر قىلىنغىنى «جۇڭگو، چەت ئەل يېڭىلىقلىرى» (报新外中) گېزىتى بولۇپ،1858 - يىلى خۇاڭ پىڭفۇ نەشر قىلغان. تەسىرى ئەڭ چوڭى «خىتاب گېزىتى» بولۇپ، ئۇ1872 - يىلى چىقىشقا باشلاپ1949 - يىلى شاڭخەي ئازاد بولغاندىن كېيىن نەشردىن توختىغان. جۇڭگو كومپارتىيىسى ئەڭ بالدۇر چىقارغان گېزىت «ئەمگەك ھەپتىلىك گېزىتى» (刊周动劳) بولۇپ، بۇنى جۇڭگو ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى سېكرىتارىئاتى1921 - يىلى نەشر قىلغان. دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇرقى گېزىت15 - ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادىكى بەزى شەھەرلەردە بازار، مال باھاسى، قاتناش ئۇچۇرى، ئۇرۇشلارنى خەۋەر قىلىپ تۇرىدىغان گېزىتلەر بارلىققا كەلگەن ھەم مۇخبىرلار جەمئىيىتى قۇرۇلغان. قولدا كۆچۈرۈلگەن گېزىت «ۋېنېتسىيە ئاخباراتى» 1566 - يىلى بىر ۋاراقلىق باسما گېزىتكە ئۆزگەرتىلىپ، دۇنيا بويىچە ھەممىدىن بالدۇر چىققان مەتبەئەلىك گېزىت بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇرقى ھەپتىلىك گېزىت «خەۋەر ياكى ئاخبارات گېزىتى» بولۇپ،1609 - يىلى گېرمانىيىدە نەشر قىلىنغان؛ ئەڭ بالدۇرقى كۈندىلىك گېزىت «لېيپزىگ ئاخباراتى» بولۇپ،1663 - يىلى گېرمانىيىدە نەشر قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار نەشرىياتچىلىق بىلىملىرى