نېمە ئۈچۈن بامبۇك ئادەتتىن تاشقىرى تېز ئۆسىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بىر كىچىك دوست مۇنداق بىر ئىشنى ئۇچراتقان: ئەتىگىنى ئۇ شەپكىسىنى يېڭىلا ئۆسۈپ چىقىۋاتقان بىر بامبۇكنىڭ ئۇچىغا كىيدۈرۈپ قويغان. چۈشتىن كېيىن دەرستىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ بامبۇكزارلىققا بېرىپ قارىسا بامبۇك ئۇنىڭ شەپكىسىنى كۆتۈرۈپ ئېگىز ئۆسۈپ كەتكەن، ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇپمۇ شەپكىسىنى ئالالمىغان.
ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە بامبۇكنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بەزى بامبۇكلارنىڭ كاۋاك غولى كۈنىگە 40 سانتىمېتىر ئۆسىدۇ، تولۇق ئۆسۈپ بولغاندىن كېيىنكى ئېگىزلىكى 35 - 40 مېتىرغا يېتىدۇ. بامبۇكنىڭ بۇنداق تېز ئۆسۈشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ نۇرغۇن قىسىملىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۆسكەنلىكىدىندۇر. ئادەتتە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇچىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىسىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىنىشى ۋە چوڭىيىشىغا تايىنىپ ئۆسىدۇ. لېكىن بامبۇكنىڭ ئۆسۈشى ئۇنىڭغا ئوخشاشمايدۇ، ئۇنىڭ بۆلۈنگۈچى توقۇلمىلىرى ئۇچى قىسمىدا بولۇپلا قالماستىن ھەر بىر بوغۇملىرىدىمۇ بولىدۇ. بىز بىر تال بامبۇك نوتىسىنى كولىۋېلىپ ئۇنى ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئىككىگە پارچىلاپ قارايدىغان بولساق، ئىچىدىكى بامبۇك بوغۇملىرىنىڭ خۇددى بىر قىسىلغان پۇرژىنىدەك چىڭ تۇتاشقانلىقىنى بايقايمىز. ئۇ مۇنبەت تۇپراقنى يېرىپ چىقىپ ئىللىق، نەم ھاۋاغا يولۇققاندا ھەر بىر بوغۇمدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىلار ئۈزلۈكسىز يېڭى ھۈجەيرىلەرنى پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە قوشنا بوغۇملار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقلار تەدرىجىي ئۇزىراپ بارىدۇ. ئەگەر ھەر بىر بامبۇك نوتىسىدا 60 بوغۇم بار دېسەك، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ 60 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بامبۇكنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بامبۇك بوغۇملىرىنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرغان غىلىپى چۈشۈپ كېتىدۇ - دە، بامبۇكمۇ ئۆسۈشتىن توختايدۇ.