جىنسىي پائالىيەتنىڭ پات - پات بولۇپ تۇرۇشى سۈپەتلىك تۇغۇتقا پايدىسىزمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
سۈپەتلىك تۇغۇش ۋە سۈپەتلىك تەربىيىلەش ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۈمىدى ۋە مەسئۇلىيىتى. بولۇپمۇ سۈپەتلىك تۇغۇش مەسئۇلىيىتى ھەربىر ياش ئەر - خوتۇنلارنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئەر - خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇرۇق سانى ۋە سۈپىتى سۈپەتلىك تۇغۇشتىكى ھالقىلىق ئامىل. شۇڭا، ئۇرۇق سۈپەتلىك تۇغۇشتىكى ئاساس، يىلتىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، ئومۇمەن ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدىغان ئامىللارنى ئەر - خوتۇنلار ئېمكانقەدەر بالدۇرراق يوقىتىشى كېرەك. جىنسىي پائالىيەتنىڭ پات - پات بولۇپ تۇرۇشى ئىسپېرمىنىڭ ئاز بولۇشىنى، ئۇرۇق سانى ۋە سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئازلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى ھاياتلىقنىڭ نورمال كۆرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەر - خوتۇن ئىككى تەرەپ جىنسىي تۇرمۇشنى كونترول قىلىشى.،بولۇپمۇ ئەر تەرەپ كۈچ - ماغدۇر توپلىشى ئۈچۈن بولسىمۇ قاتتىق دىققەت قىلىشى زۆرۈر. جىنسىي پائالىيەتكە كۈچلۈك ئىنتىلىشى بولغان يېڭى توي قىلغان ئەر - خوتۇنلار بۇ نۇقتىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.