ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ⅩⅩئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا ئەنئەنىۋى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاندىنمۇ يېنىك بولغان بىر خىل ئايروپىلان دۇنياغا كەلدى. بۇ خىل ئايروپىلان ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان دەپ ئاتالدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر كىشلىك ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 115 كىلوگرامدىن، ئىككى كىشلىك ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 150 كىلوگرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئايرۇپىلاننىڭ سائەتلىك ئۇچۇش تېزلىكى 100 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان ئادەتتە تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھەزىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننى ھەيدەپ تەنتەربىيە نومۇرى كۆرسىتىشنى ياكى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېردىكى ئۇچۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بەزى دۆلەتلەردە، ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى 100 مېتىردىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك، ئايروپورت، ئۇچۇش لىنىيىسى ھەمدە تاشيول، پرىستان ۋە شەھەر - بازار قاتارلىق ئاھالە زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ سىرتىدا كۈندۈزى ئۇچقاندا ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ قۇرولمىسى ئاددىي، باھاسى ئەرزان، ھەيدەش ئاسان، بىخەتەر بولغاچقا، يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان ئارقىلىق قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار، مەسىلەن، دېھقانچىلىق، يايلاق، ئورمانلىقلارنى چارلاش، قىسقا يوللۇق ياكى قاتناش شارائىتى ناچار رايونلاردا قاتناش قورالى قىلىپ ئىشلىتىلىش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپىتىكى ئايروپىلان ئارقىلىق قىلىنىدىغان بولدى. پەن - تېخنىكا ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان تېخىمۇ يېنىك، تېخىمۇ قۇلايلىق، تېخىمۇ ئەرزان بولىدۇ، ئىشلىتىلىش دائىرىسىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىدۇ.