UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبولغۇسى ئانىلارنىڭ قانداق ۋاقىتتا بەدەن ئېغىرلىقىئەڭ كۆپ ئاشىدۇ؟

بولغۇسى ئانىلارنىڭ قانداق ۋاقىتتا بەدەن ئېغىرلىقىئەڭ كۆپ ئاشىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بولغۇسى ئانىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھامىلىدار بولۇپ 15 ھەپتىدىن 28 ھەپتىگىچە بولغاندا كۆرۈنەرلىك ھالدا ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېغىرلىقى ئاساسلىق ئاشىدىغىنى ئانا بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئەزالىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، مەسىلەن، بالىياتقۇ بوينى، ئەمچەكنىڭ چوڭىيىشى، قاننىڭ كۆپىيىشى ۋە مايلارنىڭ توپلىنىشى قاتارلىقلار. 92 ھەپتىدىن 40 ھەپتىگىچە بولغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھامىلىگە يۈزلىنىدۇ. بۇ ھامىلە ۋە بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىشىنى، باش سۈيىنىڭ سىغىمچانلىقىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاي - كۈنى تولۇق توشقاندا، بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ ئاخىرقى دەرىجىگە بارىدۇ. ھامىلە، بالىياتقۇ ۋە باش سۈيى قاتارلىقلار بەش كىلوگرام كېلىدۇ. بولغۇسى ئانىلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئەزالىرى تۆت كىلوگرام ئېغىرلىشىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەدەن ئېغىرلىقى، ماي قوشۇلىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى توققۇز كىلوگرامدىن ئارتۇق ئېشىپ كەتسە، قالغان ئېغىرلىق بەدەندىكى ماي بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە