<ئەسىر قۇرتى> دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
تۇنجى كومپيۇتېر 1946 - يىلى ئىجاد قىلىنغان. دەسلەپكى چاغلاردا، كومپيۇتېر ئاز مىقداردىكى ئۇچۇرنىلا ساقلىيالايتتى. ساقلاش بوشلۇقىنى تېجەش ئۈچۈن، يۇمشاق ماتېرىيال لايىھىلىگۈچى خادىملار كومپيۇتېردا ئىككى خانىىق رەقەم ئارقىلىق يىلنى ئىپادىلىگەن، مەسىلەن، <62> رەقىمى 1962 - يىلىنى ئىپادىلەيتتى.
كېيىنكى نەچچە ئون يىل جەريانىدا، كومپيۇتېر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، تۈرلۈك ساھەلەردە ئىشلىتىشكە باشلىدى. 2000 - يىلى يېقىنلاشقاندا، كىشىلەر، ئەگەر ئىككى خانىلىق رەقەم بىلەن يىلنى ئىپادىلىگەندە، كومپيۇتېرنىڭ 2000 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى خاتا ھالدا 1900 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دەپ تونۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۇنداق بولغاندا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىپ، پۇل مۇئامىلە، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سىستېمىلارغا غايەت زور زىيان سالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. بۇ مەسىلە <ئەسىر قۇرتى> مەسىلىسى دەپ ئاتالدى.
<ئەسىر قۇرتى> مەسىلىسى قارىماققا ناھايىتى ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغاندەك، ۋاقىتنى بىلدۈرىدىغان ئىككى خانىلىق رەقەمنى تۆت خانىلىق رەقەمگە ئۆزگەرتىپ قويسىلا بولىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنچە ئاددىي ئەمەس، چۈنكى كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر بەك كۆپ، تېخى بەزىلىرى پروگرامما ئىچىدە، يوۇرۇن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ ئۆزگەرتىش ھەقىقەتەن قىيىن!
<ئەسىر قۇرتى> مەسىلىسى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىرىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئۇلار ھەر خىل ئاماللار بىلەن كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ ئچىكى قىسمىدا ئىزدىنىش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى ھەمدە كۆپ قېتىم تەقلىدىي سىناق قىلىش ۋە ئىجرا قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئاخىر كومپيۇتېر سىستېمىسىنى <ئەسىر قۇرتى> دىن ئىبارەت قىيىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزدى.