ۋىتامىنلارنى تولۇقلاش كېرەكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھازىر سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدىكىدەك بالا ئانا سۈتى تەركىبىدىن ناھايىتى مول بولغان ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتامىنلارمۇ بار. ئەگەر 100 نەچچە يىللار ئىلگىرىكى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان ئىنسانلارنىڭ ئانا سۈتىدە ئوزۇقلۇق كەمچىل ئىدى دېسەك، توغرا بولمايدۇ. ئاي - كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بالىلار ساغلام ئانىلاردىن تۇغۇلغاچقا، يېتەرلىك بولغان سۈتكە ئېرىشەلەيدۇ، شۇنداقلا يېتەرلىك بولغان ئوزۇقلۇققىمۇ ئېرىشەلەيدۇ. بىراق بالدۇر تۇغۇلغانلار بولۇپ قالسا، تېخىمۇ كۆپ ۋىتامىنلارنى تولۇقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ گۇمانىچە ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ۋىتامىن مىقدارى بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە يەتمەيدىكەن، بىراق كېيىن تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەتنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئانا سۈتى يەنىلا بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقى بولۇپ، ئوزۇقلۇق بالىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە ئەڭ پايدىلىق ئىكەن. پەقەت ئاز ساندىكى ئەھۋالدا، يەنى ئانا بىلەن بالا ناھايىتى ئاز سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلسا ياكى ئاپتاپقا ئاز قاقلانسا، ۋىتامىن تولۇقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ ياكى ئانا قەتئىي گۆش يېمەيدىغان بولسا، چوقۇم بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىتامىن B12 نى تولۇقلىشى زۆرۈر.