ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن قۇشلارنى قوغدايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
1981 - يىل 9 - ئايدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى ھەر يىلى 4 - ئايدىن 5 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان بىر ھەپتىنى «قۇشلارنى ئاسراش ھەپىتىسى» قىلىپ بېكىتتى.
قۇشلارنىڭ تارىخى ئىنسانلار تارىخىدىن ئۇزۇن، يەر شارىدىكى قۇشلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە ئادىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، سايرىغۇچى قۇش، قارمىغۇچى قۇش، قۇرۇقلۇق قۇشى، سۇ قۇشلىرى، سازلىق قۇشلىرى ۋە يىرتقۇچ قۇشلاردىن ئىبارەت ئالتە ئېكولوگىيە توپىغا ئايرىشقا بولىدۇ. ھازىر دۇنيادىكى قۇشلارنىڭ تۈرلىرى تەخمىنەن 9000 دىن ئارتۇق. مەملىكىتىمىزدىكى قۇشلارنىڭ تۈرى 1100 خىلدىن كۆپ بولۇپ، دۇنيادىكى قۇش تۈرلىرىنىڭ 13 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئېلىمىز دۇنيا بويىچە قۇشلار تۈرى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.
قۇشلارنى ئاسراش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق. نېپالنىڭا پايتەختى كاتماندۇدا قاغىلار كوچىلاردا ئەركىن يۈرەلەيدىكەن، ماشىنىلارمۇ ئۇلارغا يول بېرىدىكەن. قۇشلار دۆلىتى سىرىلانكىنىڭ پايتەختى كولومبودا بولسا كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخلەر قۇش ئۇۋىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، قۇشلار ئەركىن ھالدا ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىدىن ئۇچۇپ كىرىپ - چىقالايدىكەن.
كىشىلەرنىڭ قۇشلارنى ئاسرىشىدىكى سەۋەب، قۇشلار تەبىئەت دۇنياسىغا چەكسىز ھاياتىي كۈچ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا چەكسىز لەززەت ئەكەلگەنلىكى ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى يەنە مۇتلەن كۆپ ساندىكى قۇشلار پايدىلىق قۇشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشقا پايدىسى بار. مەسىلەن، «باھار ئەلچىسى» دەپ ئاتىلىدىغان كاككۇك ھەر يىلى 50 مىڭدىن كۆپرەك كېپىنەك قۇرتىنى تۇتۇپ يەيدىكەن. چوڭ چۇمچۇق «باغ قاراۋۇلى» بولۇپ، بىر كۈندە ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ مىقداردىكى زىيانداش ھاشاراتنى تۇتۇپ يەيدىكەن.
مۈشۈكياپىلاقنىڭ «چاشقان تۇتۇش ماھىرى» دېگەن نامى بار. بىر مۈشۈكياپىلاق بىر يازدا 1000 دانە چاشقاننى ئوۋلاپ، چاشقانلارنىڭ ئېغىزىدىن 1000 كىلوگرام ئاشلىقنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ. بىر جۈپ تۆمۈر تۈمشۇق بەش گېكتار يەردىكى دەل - دەرەخلەرنى ھاشارات ئاپىتىدىن ساقلاپ قالالايدۇ.
قۇشلار تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ دوستى. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ھەمدە قۇشلارنى قالايمىقان تۇتۇش ۋە قالايمىقان ئوۋلاش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قۇش بايلىقى زىيانغا ئۇچراپ، قۇش تۈرلىرى بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ.
شۇڭا، قۇشلارنى ئاسراش ھەر بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئايلىنىشى كېرەك.