UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ تاماق قاچىسىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

بالىلارنىڭ تاماق قاچىسىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن قەدىمكىلەردە <كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ> دېگەن تەمسىل بار، بالىلار ھەر كۈنى قاچا - قۇچا ئارقىلىق تاماق يەيدۇ. شۇڭا، قاچا - قۇچىنىڭ بىخەتەر، پاكىزلىقىنى تەلەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئېڭى چوڭلارغا قارىغاندا تۆۋەن بولغاچقا، ھەرگىزمۇ چوڭلارغا قويۇلىدىغان ئۆلچەم بويىچە تاماق قاچىسى تاللىماي، تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى ئامىلنى ئويلىشىش كېرەك: 1. قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. رەڭگارەڭ ساپال قاچىلار ۋە سىرلانغان قاچىلارنىڭ تەركىبىدە قوغۇشۇن بولۇپ، كىسلاتالىق ماددىلارغا ئۇچرىغاندا، قوغۇشۇن ئاجرىلىپ چىقىدۇ - دە، تاماق بىلەن بىرلىكتە بالىلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، قوغۇشۇن بىلەن زەھەرلىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا بالىلارغا سىرلانغان قاچا بىلەن تاماق بەرمەسلىك، ياخشىسى ياغاچ ۋە قومۇشتىن قىلىنغان قاچا - قۇچىلارنى ئىشلىتىش كېرەك. 2. بىخەتەرلىك ئامىلى. تاماق قاچىسى ناھايىتى سىلىق بولۇشى، بالىنى يارىلاندۇرۇپ قويىدىغان تاماق قاچىسى بولماسلىق كېرەك. 3. تازىلىق ئامىلى. بالىلارغا تاماق بېرىدىغان قاچا يۇيۇش قۇلاي ۋە دېزىنفېكسىيە قىلغىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك، يەنە بالىلارغا سەل قېلىن بولغان داتلاشماس پولاتتىن تاماق قاچىسى، قوشۇق قىلسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئوڭاي چېقىلىپ كەتمەيدۇ ھەم قاچىنى قىزىتىپ دېزىنفېكسىيە قىلىشقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ تاماق قاچىسىنى قانداق تاللاش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki