يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باش تېرىسى سۇلۇق ئىششىقى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
باش تېرىسى سۇلۇق ئىششىقى يەنە تۇغۇت ئۆسمىسى ياكى ئۇچلۇق باش دەپمۇ ئاتىلىپ، باش ئاۋۋال كەلگەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدۇ. تۇغۇتتا تۆرەلمە تار تۇغۇت يولىدىن ئۆتۈش جەريانىدا سىرتتىن كەلگەن كۈچلۈك بېسىمدىن باشنىڭ ئاۋۋال چىققان قىسمىدىكى توقۇلمىلاردا سۇلۇق ئىششىق بولۇشتىن كېلىپ چىققان، ئادەتتە باش گەجگە قىسىم ۋە باش چوققىسىغا ئورۇنلاشقان بولىدۇ. باش تېرىسى سۇلۇق ئىششىقى بوۋاق تۇغۇلغان ھامان كۆرۈلىدۇ. ئىششىقنىڭ چىگرىسى ئېنىق ئەمەس، دولقۇنلىنىش يوق، ئەمما باسسا ئولتۇرۇشىدۇ، سۆڭەكنىڭ تۇتىشىش سىزىقىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. دائىم بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا يوقاپ كېتىدۇ