سوسكا يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىدە دائىم بىر ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ بولۇپمۇ 81 ئايلىقتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ چىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى كۆرىمىز. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇخلىغاندا ئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى ئېمىپ ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كالا سۈتى، مېۋە شىرنىسى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغان بولۇپ، بۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ چىشنىڭ ئارىسىدا قېلىپ، باكتېرىيىلەرنىڭ رولى بىلەن چىش ھەم قارىداپ ھەم كىچىكلەپ، بىر تالدىن - بىر تالدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھادىسە تېبابەتتە ئېمىزگۈ يىغىندى كېسەللىكى دېيىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بالىلارنى ئېمىتىپ تۇرۇپ ئۇخلاتماسلىقى، كالا سۈتى ۋە مېۋە شىرنىسى بەرگەن ۋاقىتتا بالىلار يەنە ئازراق قايناق سۇ بېرىشى ياكى بالىلارنىڭ چىشىنى پاكىز رەخت بىلەن سۈرتۈپ ئاندىن ئۇخلىتىشى كېرەك. بالا ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن بالىغا ئىستاكان بىلەن سۇ ئىچىشنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك، بالا ئۆگىنىپ قالغاندىن كېيىن ئېمىزگۈنى قايتا ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.