UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانا سۈتى سەۋەبلىك سېرىقلىق چۈشكەن بالىلار ئېمىشنى توختىتىشى كېرەكمۇ؟

ئانا سۈتى سەۋەبلىك سېرىقلىق چۈشكەن بالىلار ئېمىشنى توختىتىشى كېرەكمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئانا سۈتى سەۋەبلىك سېرىقلىق چۈشۈشمۇ ئىككى خىل بولىدۇ، بىرسى ئانا سۈتى سەۋەبلىك بالدۇر سېرىقلىق چۈشۈش بولۇپ، تۇغۇلۇپ ئۈچ - تۆت كۈندىن كېيىن كۆرۈلىدۇ. تۆت كۈندىن يەتتە كۈنگىچە سۇسلايدۇ، يەنە بىرخىلى بولسا ئانا سۈتى سەۋەبلىك كېچىكىپ سېرىقلىق چۈشۈش بولۇپ، تۇغۇلۇپ ئالتە كۈندىن سەككىز كۈنگىچە پەيدا بولىدۇ. ئىككى - ئۈچ ھەپتىدە يوقايدۇ، ئىككى خىل سېرىقلىق چۈشۈش بالا تۇغۇلۇپ ئالتە ھەپتىدىن 12 ھەپتىگىچە يوقايدۇ. بالدۇر سېرىقلىق چۈشۈش ھادىسىسى بولسا ئانا سۈتىدە بىرخىل ئېنزىمنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك بولۇپ، گلۇكوزونىك كىسلاتا گىكوگىزىتى قاتارلىق ئېنزىملارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئېنزىملار بالىنىڭ ئۈچىيىگە كىرگەندىن كېيىن، بىلرۇبىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى كۆپەيتىپ، سېرىقلىق چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. كېچىكىپ سېرىقلىق چۈشۈش بولسا، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ھامىلىدارلىق ئالكوگولدىكى ماددىلار بولۇپ، بالىنىڭ بۆرىكىدىكى گلۇكوزا، ئاقسىل قاتارلىق ئېنزىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى قوزغايدۇ. ئانا سۈتى سەۋەبلىك سېرىقلىق چۈشكەنگە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟ ئەگەر بالىنى ئېمىتىشنى ئۈچ كۈن توختاتسا، تېرىدىكى سېرىقلىق ئازلايدۇ ياكى قاندىكى بىلرۇبىن تۆۋەنلەيدۇ. مانا بۇ ئانا سۈتى سەۋەبلىك سېرىق چۈشۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا داۋاملىق بالا ئېمىتىشنى داۋاملاشتۇرغان ئەھۋال ئاستىدا ئالتە ھەپتىدىن 12 ھەپتىگىچە يوقايدۇ. بالىغا تەسىرى بولمايدۇ، شۇ سەۋەبلىك بالا ئېمىتىشنى توختىتىش زۆرۈر ئەمەس. داۋاملىق ئېمىتسە بولىدۇ، بىراق پات - پات بالىنىڭ سېرىقلىق چۈشۈش ئەھۋالىنىڭ چېكىنىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش، ئەگەر ئالتە ھەپتىدىن 12 ھەپتىگىچە تېخى يوقالمىسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە