بەش ئايلىق بولغان بوۋاقلار نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەش ئايلىق بولغان بوۋاقلار، بېشىنى خالىغانچە ھەرىكەتلەندۈرۈلەيدۇ. يەنە قولى بىلەن ئالماقچى بولغان نەرسىلەرنى ئالالايدۇ. بىراق تۇتۇۋالغان نەرسىنى ۋاقتىدا تاشلىۋېتەلمەيدۇ، قولىغا ئېلىۋالغان نەرسىنى بىر قولدىن يەنە بىر قولىغا يۆتكىيەلەيدۇ. ئۇ ئۆمىلەۋاتقان ۋاقىتتا، بىلەكلىرى بىلەن بەدىنىنى تىرىيەلەيدۇ. بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدىكى نەرسىگە دىققەت بىلەن قارىيالالايدۇ، چوڭلارنىڭ پۇتىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ، بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ماڭالايدۇ. كۆتۈرۈلگەندە پۇتى بىلەن تىرەپ تۇرۇۋالىدۇ. بەدىنىنى تىك تۇرغۇزالايدۇ. بىراق مۇستەقىل ئولتۇرالمايدۇ. دۈم ياتقۇزۇپ قويسا ئوڭدىسىغا بولالايدۇ، بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلار ئېنىق ھالدا ئاتا - ئانىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ھەم شۇنداقلا ئىپادىسى ناھايىتى مول بولۇپ، خۇشاللىق، خاپىلىق، ياخشى كۆرۈش، يامان كۆرۈش قاتارلىق ئىپادىلەرنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. خاپا بولغان ۋاقىتتا قاتتىق يىغلايدۇ. خۇشال بولغان ۋاقىتتا يۇقىرى ئاۋازدا كۈلەلەيدۇ ھەم ئەينەكتىكى ئۆزىگە قاراپ كۈلەلەيدۇ.