UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدار ئاياللار قايسى خىل يېمەكلىكتىن پەرھىزتۇتۇشى كېرەك؟

ھامىلىدار ئاياللار قايسى خىل يېمەكلىكتىن پەرھىزتۇتۇشى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار يېمەك - ئىچمەكتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك: 1. يېمەكلىكلەر چوقۇم يېڭى، پاكىز بولۇشى، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قېلىش، ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغلىنىشتىن ساقلىنىش. 2. تەركىبىدە نىتروزو بىرىكمىلەر ۋە ئافلاتوكسېن بولغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش. مەسىلەن، چىلىغان سەي، ئاچچىق سەي، كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىك قاتارلىقلار. بۇ خىل يېمەكلىكلەر زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھامىلىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 3. ھاراقتىن پەرھىز تۇتۇش. چۈنكى ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرت ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ناچار بولۇشىنى ياكى ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 4. قېنىق دەملەنگەن چاي، قېنىق دەملەنگەن قەھۋە، كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش. چۈنكى قەھۋەنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرى ياخشى ئەمەس. 5. ھەددىدىن زىيادە تۇزلۇق نەرسىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش. مەسىلەن، تۇزلانغان بېلىق، تۇزلانغان سەي قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، زىيادە تۇزلۇق يېمەكلىكلەر، ئىششىش، زىيادە ھاياجانلىنىش ۋە ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى سندرومىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 6. تاتلىق نەرسىلەرنى ياكى مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش. 7. غىدىقلىغۇچى تېتىتقۇلارنى يېمەسلىك ياكى ئاز يېيىش. مەسىلەن، قارىمۇچ، قىچا تالقىنى، قىزىلمۇچ قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار نەمە