قانداق ۋاقىتتا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇنلىغان بولغۇسى ئانىلارنىڭ <مەن قانداق ۋاقىتتا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈشۈم كېرەك؟> دەپ سورايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئادەتتە، دوختۇر تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. مەسىلەن: بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئېھتىمالى بولغاندا، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى ھەيز تەرتىپسىز بولسا ياكى ھامىلىدار بولغان كۈن سانى ئېنىق بولمىسا، بىنورمال قان كەلسە، ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمراھى ياكى بالا ھەمراھىنىڭ بالدۇر سويۇلۇشىدىن گۇمانلانغاندا، ھامىلىنىڭ بەك چوڭلۇقىدىن گۇمان قىلسا، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى كېيىن دەپ گۇمان قىلسا، موينى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى، باش سۈيىنى تېشىش ئوپېراتسىيىسى ياكى ھامىلىنىڭ كىندىك ۋىناسىنى تېشىش ئوپېراتسىيىسى قىلغاندا، كۆپ كېزەكلىكتە گۇمان پەيدا بولسا، ھامىلە ئورنى نورمال بولمىغانلىق توغرىسىدا ياكى كاسا بالدۇر كېلىپ قالغان ھامىلە توغرىسىدا گۇمان بولسا، باش سۈيى كۆپ ياكى ئاز دەپ گۇمان قىلسا، ھامىلىدارلىق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن، ھامىلىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا مەلۇم مۆلچەرلەش بولغان بولسا، ئۈزۈمسىمان تۆرەلمىدىن گۇمانلانغاندا، ئۈزۈمسىمان تۆرەلمە يەنە سۇ پۈۋەكچىسىمان ھامىلە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بىرخىل پاترولوگىيىلىك تۇغۇت بۆلۈمى ھادىسىسى بولۇپ، ئىپادىسى مويلارنىڭ نورمالسىز ئۆسۈشى (تۆرەلمىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ياكى يوقاپ كېتىشى). نۇرغۇنلىغان ئىچكى قىسىمدىكى يېپىشقاق ئاجراتمىلاردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. شەكلى ئۈزۈم ساپىقىغا ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن ئۇزۈمسىمان تۆرەلمە دېيىلگەن، ئۈزۈمسىمان تۆرەلمىنى دائىم بالىياتقۇدىن سۈمۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ. ئاز ساندىكى كېسەللىك تۈرلىرىدە سۇ قاپارتمىلىرى بالىياتقۇ مۇسكۇل قاتلىمىغا كىرىپ قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىرراقلىرىنىڭ بالىياتقۇسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئاز بىر قىسىم كېسەللەردە موي پەردە راكىغا تەرەققىي قىلىدۇ. مەسىلەن: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە داس بوشلۇقىدا ئۆسمە بولسا، ھامىلىدە تۇغما غەيرىيلىك بار - يوقلۇقىنى تاللاپ تەكشۈرگەندە، بالدۇر بويىدىن ئاجراپ كېتىش ھادىسىلىرى بولسا.
ئەلۋەتتە، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ تېز - ئاستىلىقىدا باش سۈيىنىڭ ئاز - كۆپ بولۇشى ۋە بالا ھەمراھى ئىقتىدارىنىڭ ساغلام بولۇش - بولماسلىقى، ھامىلىنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بولۇشى قاتارلىقلارنى ناھايىتى نازۇك بولغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تەكشۈرگەندىلا، ئاندىن ئوبيېكتىپ ۋە توغرا بولىدۇ.