برونېۋىك بىلەن تانكىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
نېمە ئۈچۈن
برونېۋىك قوغدىنىش برونېسى ۋەقوراللىرى بولغان بىر خىل ھەربىي ئاپتوموبىل. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تانكا ئەمەلىيەتتە بىر خىل پەۋقۇلئاددە برونېۋىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، برونېسى قېلىن، تونناژى يۇقىرى، زەمبىرەك ئىستوۋۇلى توم، پۈتۈنلەي زەنجىر تاپان شەكىللىك يۈرۈش سىستېمىسى قوللىنىلغان. كۆپ تانكىلارنىڭ ئوت كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ھۇجۇمنى ئاساس قىلغان بىر خىل برونېۋىكلار ھېسابلىنىدۇ.
تانكىدىن سىرت، برونېۋىكلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ۋە ئىقتىدارىمۇ بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ، بىراق ئۇلار ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئاساسىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، يەنى برونېسى نېپىز، ئۆزى يېنىك ھەم ئەپچىل، ھەرىكىتى بىر قەدەر جانلىق؛ زەمبىرەك ئىستوۋۇلى بىر قەدەر ئىنچىكە ياكى زەمبىرەك ئورنىغا پىلىموت ئىشلىتىلگەن؛ يۈرۈش سىستېمىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا، زەنجىر تاپانلىقىمۇ، چاقلىقلىرىمۇ بار.
برونېۋىكنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، مەسىلەن، رازېدكا برونېۋىكىغا ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ۋە مىكرو ئويتكىلىق كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىلغان، يەنە رادار ۋە لازېر نۇرلۇق ئارىلىق ئۆلچەش ئاپپاراتى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بولۇپ، يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. قۇرۇلۇش برونېۋىكى ھەمىشە تانكا قىسىملىرىغا ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، جەڭگاھ ياكى يوللاردىكى توسۇقلارنى تازىلاىدۇ ياكى بولمىسا تۇسۇقلارنى قۇرىدۇ، يول ياسايدۇ، ئاپتوموبىللارنى تارتىپ چىقىرىدۇ ۋە رېمونت قىلىدۇ. ترانسپورت برونېۋىكى(برونېترانسپورتېر) ئادەتتە ئازلا مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن قۇاللانغان بولۇپ، ترانسىپورتنى ئاساس قىلغان بىر خىل برونېۋىك ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھەربىي ماددىي ئەشيالار ۋە ئەسكەرلەرنى توشۇسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلى بىر خىل كۆپ ئىقتىدارلىق يېڭى تىپتىكى برونېۋىك بولۇپ، ئۇنىڭ سۈرئىتى تانكىدىن قېلىشمايدۇ، سۇدىن لەيلەپ ئۆتەلەيدۇ، يەنە ھاۋا بوشلۇقىدىن چۈشۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتۇموبىلى ھەم تانكىغا ئوخشاش پوزېتسىيىلەرگە ھۇجۇم قوزغىيالايدۇ، ھەم ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرەلەيدۇ ۋە تانكىغا قارشى تۇرالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەخمىنەن ئون ئەسكەرنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ جەڭگاھتىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى.