ئانا بىلەن بالا بىر يەردە ئۇخلىسا، بالا تېز ئۆسەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كۆپ يىللىق تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئانىسى بىلەن بىللە ئۇخلىغان بالىلار مەيلى سالامەتلىك جەھەتتە بولسۇن ياكى ھېسسىيات جەھەتتە بولسۇن يېتىلىشى يالغۇز ئۇخلىغان بالىلارغا قارىغاندا ئىنتايىن ياخشى بولىدىكەن. بۇ ئانىنىڭ بەدىنىدىكى سۈت قوزغاتقۇچى ھورمۇنلارنىڭ كېچىدىكى ئاجراتمىسىنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا يەتكەنلىكى ئۈچۈن بولۇپ، كېچىدە ئانىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بوشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سۈت قوزغاتقۇچى ھورمۇنلار تېخىمۇ كۆپ سۈت ئاجرىتىپ، بالىنى تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق ۋە ماي بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان پەن - تېخنىكا ئالىملىرى، بالا بىلەن ئانىنىڭ تېرىسى يېقىن تۇرسا بالىنىڭ تېنىدىكى ئۆستۈرۈش ھورمۇنلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پەيدا قىلىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. بۇمۇ بالىنىڭ ساغلام، قاۋۇل يېتىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.