UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقىش پەسلىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۈتۈشتەنېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

قىش پەسلىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۈتۈشتەنېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس، سوغۇقتىن بەك قورقىدۇ. ئەگەر بوۋاق داۋاملىق سوغۇق مۇھىتتا تۇرسا بەدەن تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ ئىشتىھاسى ناچارلاش، ئەمگىلى ئۇنىماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا قاتتىق پەردە سىرتىدىكى يىرىڭلىق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىشتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۈتۈشتە ئاساسلىقى بوۋاقنىڭ ئىسسىقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئەگەر ئۆيدە تەڭشەشكە بولىدىغان ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 25℃ ~ 20℃ ئەتراپىدا، نىسپىي نەملىكنى 60% ~ 50% تە ساقلاش، ئەگەر ئۆيدە نەملىك ئاشۇرۇش ئۈسكۈنىسى بولمىسا، نەم لۆڭگىنى پارنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئارقىلىق نەملىك ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر كۆمۈر ياكى ئوتۇن كۆيدۈرۈپ ئىسسىنغاندا چوقۇم كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، بوۋاق ئۇخلىغاندا قېلىنراق پاختىلىق يوتقان يېپىپ قويۇش، پۇت تەرەپكە گرېلكا قويۇپ ئىستىشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن گرېلكىنى پاختىلىق يۆگەككە ياخشى ئوراپ، بوۋاقتىن ئون سانتىمېتىر يىراق ئورۇنغا قويۇش، بوۋاقنى كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
قىش پەسلىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۈتۈشتەنېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki