UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ياخشى ئادەت ساغلاملىققا پايدىلىق؟

نېمە ئۈچۈن ياخشى ئادەت ساغلاملىققا پايدىلىق؟

نېمە ئۈچۈن <نېمە ئۈچۈن ناچار ئادەت ساغلاملىققا زىيانلىق> دېگەن تېمىدا بىز ناچار ئادەت بىلەن ساغلاملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تونۇشتۇردۇق. ئۇنداقتا، قانداق ئادەتلەر ساغلاملىققا پايدىلىق؟ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار مۇنۇلار: بىرىنچى، كۆپ ھەرىكەت قىلىش. نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار ئادەتتە ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنىڭ دائىم بەدن چېنىقتۇرۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا سەكتە (تۇيۇقسىز ئۆلۈش)، يۈرەك سانجىقى، مېڭە توسۇلۇپ قېلىش قاتارلىق يۈرەك، قان تومۇر كېسەلىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئىككىنچى، قانغۇچە ئۇخلاش. قانغۇچە ئۇخلاش. 1 مىليون 60 مىڭ ياشانغان كىشى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن ھەر كۈنى يەتتە سائەت تولۇق ئۇخلىغان ياشانغان كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلاش ياكى بەك ئاز ئۇخلاشنىڭ ئىككىلىسىدە ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. ئۈچىنچى، تاماكا چەكمەسلىك. 110 مىڭ كىشى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تاماكا چېكىش ۋە يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تاماكا چېكىدىغان ھەم تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشمايدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 10.9% بولىدىكەن؛ تاماكا چەكمەيدىغان ھەم دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاران 3.0% بولىدىكەن. تۆتىنچى، ماي، تۇز، شېكەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش. چوڭلار <ئۈچنى ئاز ئىستېمال قىلىش> تا چىڭ تۇرۇپ، دائىم مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بەرسە، ساغلاملىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. بولۇپمۇ بەزى يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى قارىماققا ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە، ياشانغاندا پەيدا بولغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ياش ۋاقتىدىلا پەيدا بولىدىغان كېسەللىك ئىكەن. بەشىنچى، دائىم كۆڭۈل ئېچىش ئاپالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇرۇش. خىزمەت، ئۆگىنىشتىن بوشىغاندا، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك، بۇنىڭدا ھەم كەيپىياتنى تەڭشەپ، بەدەننى چېنىقتۇرغىلى، ھەم ھارغىنلىقنى يوقىتىپ، ساغلاملىقنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ياخشى ئادەت ساغلاملىققا پايدىلىق؟ | UyghurWiki | UyghurWiki