UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاق يېتىرقىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بوۋاق يېتىرقىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاق ئالتە ئايلىقتا يېتىرقاشقا باشلايدۇ. 8 ~ 12 ئايلىقدا يېتىرقاش ئەھۋالى ئەڭ روشەن بولىدۇ. يېتىرقاش بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىدىكى بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان ھادىسە. بوۋاق ئانا ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قارىشى ئاستىدا، يەتتە ئايلىقتىن باشلاپ بىر خىل ئايرىلالماسلىق كەيپىياتى شەكىللەنگەن بولۇپ، پەقەت ئانا ياكى ئائىلىسىدىكىلەر يېنىدا بولسا بىخەتەر ھېس قىلىپ، يات ئادەملەرگە يولۇققاندا تەشۋىشلىنىش ھەتتا قورقۇش پسىخىكىسى كۆرۈلىدۇ. بوۋاقلاردىكى يېتىرقاشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى تۇغما ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىجەزى ئىچكى مايىللىققا ئىگە، سەل قورقۇنچاقراق بوۋاقلارنىڭ يېتىرقاش ئىپادىسى ئېغىرراق بولىدۇ. ئەكسىچە مىجەزى ئوچۇق، ئالاقە قىلىشقا ئامراق بوۋاقلارنىڭ يېتىرقاش ئىپادىسى يېنىكرەك بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ يېتىرقاش ئىپادىسىگە نىسبەتەن ئائىلە باشلىقلىرى ئەيىبلىمەسلىك، بولمىسا جىددىيلىشىش ۋە قورقۇش پسىخىكىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. ئەكسىچە بوۋاقنى يات كىشىلەر بىلەن كۆپ ئۇچرىشىشىغا ئىلھاملاندۇرۇپ، سىرتلارغا ئەپچىقىپ ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە مەسىلەن: كىچىك دوستلار بىلەن چاقچاقلىشىش، ئويۇن ئويناش قاتارلىقلارغا كۆپرەك قاتنىشىپ بوۋاقتىكى ئەندىشە ۋە قورقۇشنى ئاستا - ئاستا تۈگىتىش كېرەك. بوۋاقنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن ئالاقە قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بۇ خىل ھادىسىمۇ بارا - بارا ئاجىزلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاق يېتىرقىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki