نېمە ئۈچۈن ھەر خىل تىپتىكى سىياھلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
سىياھ قۇتىسىدا: ئوخشاش بولمىغان ماركا ۋە تىپتىكى سىياھلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دېگەن ئىزاھات بار، چۈنكى، ھەر خىل سىياھنى ئارىلاشتۇرغاندا چۆكمە ھاسىل بولۇپ، سىياھنىڭ رەڭگى سۇسلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا قەلەمنىڭ ئۇچى ئېتىلىپ قالىدۇ.
دائىم ئىشلىتىلىدىغان قارا كۆپ سىياھ تاننىك كىسلاتاسى، تۆمۈرلۈك سۇلفات ۋە كۆك بوياقلارنى تەڭشەش ئارقىلىق ياسالغان كوللوئىد سۇيۇقلۇقىدۇر. بۇ سۇيۇقلۇقتا كوللوئىد دانىچىلىرى بولۇپ، ئۇ بىر قىسىم زەرەتلەرنى قوبۇل قىلىۋالىدۇ. ئوخشاش بر خىل سىياھدىكى كوللوئىد دانىچىلىرى ئوخشاش خىلدىكى زەرەتنى قوبۇل قىلىدۇ. ئوخشاش زەرەتلەرنىڭ ئۆز ئارا تېپىشىشى قارىمۇ قارشى زەرەتلەرنىڭ ئۆز ئارا تارتىشى قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، كوللوئىد دانىچىلىرى ئۆز ئارا تېپىشىپ بىر يەرگە يىغىلمايدۇ. ئەمما ئىككى خىل ئوخشاشمايدىغان ماركا ياكى تىپتىكى سىياھنى ئارىلاشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە پەرق بولمىغاچقا كوللوئىد دانىچىلىرىدىكى زەرەت ئوخشاش بولمايدۇ، دانىچىلار ئوڭايلا بىر - بىرىنى قوبۇل قىلىۋالىدۇ - دە، بىر يەرگە يىغىلىۋېلىپ، ئاخىرىدا چۆكمە پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان سىياھقا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيالمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلارنى ئارىلاشتۇرغاندا ماددىلار ئارا خىمىيىلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، سىياھنىڭ سۈپىتىنى بۇزىدۇ. مەسىلەن، سىياھقا ئىشلىتىلگەن بەزى بوياقلار كىسلاتالىق ماددا، بەزى بوياقلار ئىشقارلىق ماددا بولۇپ، ناۋادا ئىككىسى ئارىلاشتۇرۇلسا خىمىيىلىك رېئاكسىيىلىشىپ، كۆپلەپ چۆكمە پەيدا بولىدۇ.
شۇڭا سىياھنى ئىشلىتىپ بولۇپ ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئەڭ ياخشىسى ئوخشاش ماركا، ئوخشاش تىپتىكى سىياھنى تاللاپ ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. باشقا سىياھ ئىشلەتمەكچى بولغاندا، قەلەمنىڭ ئۇچىنىڭ ئېتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قەلەمنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك.