UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ئىچىدە، ھۇجۇم ئۇرۇشى ئۈچۈنلا ئىشلىتىش مەقسەت قىلىنغان بىرتۈرلۈك تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بار، بۇلار دەل قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلاردۇر.
زامانىۋى قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلارغا كۈچلۈك ھۇجۇم قوراللىرى ئورنىتىلغان. 64 - HA <ئارپاچ> ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننى مىسال ئالساق، ئۇنىڭغا 30 مىللىمېتىرلىق زەنجىرسىمان تانكىئاتار زەمبىرەكتىن بىرى ئورنىتىلغان، تانكىئاتار باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىن 16 نى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، 19 پاي راكېتا قويۇپ بېرەلەيدىغان ئاپتوماتىك قۇرۇلمىلىق راكېتا ئېتىش ئاپپاراتىدىن تۆتى ئورنىتىلغان بولۇپ، 76 پاي ئاۋىئاتسىيە راكېتاسىنى ھەم ھەر خىل سىنارەدلەرنىمۇ ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. <ئارپاچ> ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئوت كۈچى كۈچلۈك قوراللار ئورنىتىلغان بولغاچقا، <تانكىنىڭ كۈشەندىسى> دەپ ئاتىلىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇلاردىن سىرت، بەزى تىك ئۇچار ئايروپىلانلار يەنە ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى ئېلىپ يۈرۈپ، يېقىن ئارىلىقتىكى ھاۋا بوشلۇقىدا جەڭ قىلالايدۇ.
ھازىر قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى سائىتىگە 300 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى، بۇ يەر يۈزىدىكى تانكا ۋە برونېۋىكلارنىڭ سۈرئىتىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق. قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ھۇجۇم قىلغاندا، ئادەتتە ئوتتۇرا، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچىدۇ، ھەتتا تاغ جىرالىرى ۋە ئېگىز بىنالار ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرەلەيدۇ. ئۇ ھەر خىل يەر شەكلىگە ماسلىشالايدىغانلىقى ھەم يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق ھەرىكەتلىنىپ، نىشانلارغا تېز ھەم تۇيۇقسىز زەربەق بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانغا يەنە ئىلغار ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئورنىتېلغان بولۇپ، نىشانلارنى كەڭ دائىرىدە تۇتالايدۇ ھەم كېچە - كۈندۈز جەڭ قىلالايدۇ.
قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئەزۋەللىكى يەنە جەڭ مەيدانىدا جەڭچىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاش ئىقتىدارى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى 6000 مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، دۈشمەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە زەمبىرىكىدىن ئۆزىنى ئۈنۈملۈك دالدىغا ئالالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئايروپىلان گەۋدىسىگە بىرىكمە ماتېرىيال ئىشلىتىلگەنلىكتىن، يوشۇرۇنۇش ۋە ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بەزى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارغا يەنە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش ۋە ئوق تەگكەندە جەڭچىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قاتارلىقلار ئورنىتىلغان.