UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۆسۈملۈكلەرنىڭ قانداق تۈرلىرى بار؟

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قانداق تۈرلىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى چوڭ بىر ئائىلە، ھازىر بايقالغان ئۆسۈملۈكلەر 400 مىڭ خىلدىن ئارتۇق، ئالىملار بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شەكىل ۋە تۈزۈلۈش جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش تەرتىپى بويىچە ئۇلارنى باكتېرىيە خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، يۈسۈنلەر، لىشاينىكلار، مۇخلار، پاپورتىنىكلار ۋە ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئايرىغان. باكتېرىيە خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، يۈسۈنلەر ۋە لىشاينىكلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي تۈركۈمدۇر. ئۇلار يىلتىز، غول، يوپۇرماقتىن ئىبارەت تەركىبىي قىسىملارغا بۆلۈنمىگەن بولۇپ، پەقەت بۆلۈنۈش ياكى سپورىسى ئارقىلىقلا ئەۋلاد قالدۇرىدۇ، شۇڭا تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈركۈمدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تولىسى سۇدا ياكى نەم جايلاردا ئۆسىدۇ؛ تروپىك بەلۋاغدىن تارتىپ، جەنۇبىي، شىمالىي قۇتۇپقىچە، سوغۇق دېڭىزلاردىن ئارىشاڭلارغىچە، يەر يۈزىدە ۋە تۇپراقتا، دەرەخ غوللىرىدا ۋە تاغ جىنىسلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مۇخلار، پاپورتنىكلار ۋە ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشىدىن بارلىققا كەلگەن، ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، يىلتىز، غول، يوپۇرماقلارغا بۆلۈنگەن، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئارقىلىق تۆرەلمىنى شەكىللەندۈرىدۇ ياكى چېچەكلەپ مېۋىلەيدۇ، ئۇرۇقى ئارقىلىق كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ، شۇڭا ئۇلار يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، ئەڭ مۇكەممەل بىر خىلى بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەر ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسانلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر شال، ئارپا، بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاق قوناق، پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى شۇنىڭدەك ھەر خىل كۆكتات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچىدىكى يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر قىسمى ئېگىز دەرەخلەر، مەسىلەن، قارىغاي، شەمشاد، ئارچا، گىنكو دەرىخى (كۈمۈشئۆرۈك) قاتارلىقلاردۇر.
← بارلىق تېمىلار نەمە