تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى ئوبدان باشقۇرۇش. بىمارنى ئىمكانقەدەر بالدۇر بايقاش ۋە ئايرىپ داۋالاش، ئايرىپ داۋالاش ۋاقتى كېسەللىك ئالامىتى يوقىلىپ، ئۈچ كۈنگىچە بولسا بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ كېسەل بولۇپ يەتتە كۈن ئىچىدە يوقىلىدۇ، ئۆزئارا قويۇق ئالاقىدە بولىدىغانلارغا نىسبەتەن دوختۇر يەتتە كۈن كۆزىتىش كېرەك.
2. يۇقۇملىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش. ئۆينىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاشقا دىققەت قىلىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ھەم كىيىم ۋە يوتقان - كۆرپىنى دائىم ئاپتاپقا سېلىش، ئاپتاپقا سالغاندا، ئىمكانقەدەر ئادەم ئاز، ئاممىۋى سورۇنلاردىن يىراق جايلارغا سېلىش.
3. ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. قەرەللىك ھالدا ئالدىنى ئېلىش ئوكۇلىنى ئۇرۇپ، يېقىن مۇناسىۋەتتە تۇرۇپ ئۇچرىشىدىغانلار چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئانتىبىئوتىك دورىلار ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.