UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغانلاردىكى قاندا كالتسىي تۆۋەن بولۇش كېسىلى ئەقلىي قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغانلاردىكى قاندا كالتسىي تۆۋەن بولۇش كېسىلى ئەقلىي قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغانلاردىكى قاندا كالتسىي تۆۋەن بولۇش كېسىلى دېگىنىمىز — بالىلاردىكى تارتىشىش، چۆچۈشتىكى دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى فىزىئولوگىيىلىك قالقانسىمان يان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىپ كەتسە، ھامىلىدە قالقانسىمان يان بەز ئىقتىدارى ۋاقتىنچە تورمۇزلىنىپ قالىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن قالقانسىمان يان بەز ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. باشقا ئامىللار ئورتاق مەۋجۇت بولغان ۋاقىتتا، قاندىكى كالتسىي تۆۋەن بولۇش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەسلەپتە بايقالغان قاندىكى كالتسىي تۆۋەن بولۇش كېسەللىكىنىڭ ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە: بالىلار تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈن ئىچىدە كېسەللىك قوزغىلىدۇ. بىمارنىڭ ئانىسىدا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت سىيىش كېسىلى تارىخى بولسا ياكى بالىلار تۇغۇلغاندا، تۇنجۇقۇش، قىيىن تۇغۇت، تۇغۇتتا يارىلىنىش، بالدۇر تۇغۇلۇش ياكى ئېغىر يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل كېسەللىك پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب. كېيىن بايقىلىدىغان قاندىكى كالتسىي تۆۋەن بولۇش كېسەللىكىنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە: تۇغۇلۇپ بىر ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە بولغاندا كېسەللىك قوزغىلىدۇ. بۇ ئاساسەن كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان ساغلام، ئاي - كۈنى توشۇپ تۇغۇلغانلاردا كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قاندا ۋىتامىن D كەم بولسا، يەنى چوڭ بولسا، كۆپ كېزەك ھامىلىدار بولغان بولسا ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار بولۇش قاتارلىق ئامىللارمۇ قاندىكى كالتسىيىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە: بالا ئەنسىز بولىدۇ. ئۇيقۇسى ئاز، مۇسكۇللىرى تارتىشىپ ياكى تىترەپ تۇرىدۇ، چۆچۈپ تۇرىدۇ. كانىيى تارتىشىپ قېلىش سەۋەبلىك نەپەس قىسقا مۇددەت توختاپ قالىدۇ ۋە كۆكىرىپ كېتىدۇ. بىراق بۇ خىل ھالەت ناھايىتى ئاز يۈز بېرىدۇ، كېسەللىك قوزغالمىغاندا، بالىنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغانلاردا قاندىكى كالتسىيىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك چۆچۈش كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى گەرچە قىسقا مۇددەت ئىچىدە بولسىمۇ، قوزغالمىغان ۋاقىتتا بالىنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. بىراق ئائىلە باشلىقلىرى بۇرۇنقىدەكلا ئېتىبار بېرىش كېرەك. بولمىسا قايتا قوزغالغاندا مېڭىنى يارىلاندۇرۇپ، مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار نەمە