UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئەتىگەندە كىتاب ئوقۇسا ئەستە چىڭ ساقلىغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئەتىگەندە كىتاب ئوقۇسا ئەستە چىڭ ساقلىغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىر مۇنچە مەكتەپلەر ئەتىگەنلىك ئوقۇش دەرسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئەتىگەندە مەيلى كىتاب يادلاڭ، ياكى تاپشۇرۇق ئىشلەڭ، ئادەمنىڭ پىكىر يولى ئەڭ ئوچۇق بولۇپ، ئەستىمۇ مەھكەم ساقلىغىلى بولىدۇ. ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى چوڭ مېڭە ئورۇندايدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ كۈچلۈك ئۆز - ئۆزىنى قوغداش ئېڭى بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، چوڭ مېڭە چارچايدۇ، بۇ چاغدا ئۇش <ئىش تاشلايدۇ> - دە، ئادەم ئۆزىنى دۆتلىشىپ قالغاندەك، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، دىققىتى ئاسانلا چېچىلىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا دەم ئالماي ياكى مەشغۇلاتمۇ تەكشىمەي، داۋاملىق خىزمەت قىلسا، ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ؛ ئەگەر داۋاملىق ئۆگىنىش قىلسا، ئۆگەنگەن نەرسىلەر چوڭقۇر تەسىر قىلمايدۇ، ئەستە ئاسان قالدۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇخلاش چوڭ مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، كىشىلەر ئۇخلاش ۋە دەم ئېلىش ئارقىلىق جىسمانىي جەھەتتىكى ھارغىنلىقنى يوقىتىپلا قالماي، چوڭ مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنىمۇ يوقىتىپ زېھنىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. <كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن> دېگەن گەپ بار. ئەتىگەندە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، بىر كېچە ئارام ئالغان چوڭ مېڭە يەنە نورمال خىزمەت قىلالايدىغان بولىدۇ. بۇنداق چاغدا ئادەمنىڭ دىققىتى ئەڭ ياخشى مەركەزلىشىدۇ، تەپەككۇرى ئۆتكۈر، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق چاغدا كىتاب ئوقۇسا، ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى ۋە ياخشى بولىدۇ. شۇڭا، ئادەم ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەندە ئەڭ ياخشىسى كىتاب ئوقۇماسلىقى، ۋاقتىدا دەم ئېلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتى بولۇشقا ۋە بىر قەدەر ياخشى ئۇخلاش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەستە تۇتۇش قابىيلىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋېلىشى كېرەك. دەرۋەقە، ئەتىگەندە كىتاب ئوقۇسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، دېگەنلىك چۈشتىن كېيىن ۋە ئاخشىمى كىتاب ئوقۇسا بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئەگەر ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دەم ئېلىش بىلەن پائالىيەتنى قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسە، بىر خىل پائالىيەتنى بەك ئۇزاق ۋاقىت ئېلىپ بارماي، چوڭ مېڭىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى تولۇق تەڭشىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسا، چۈشتىن كېيىن ياكى ئاخشاملىرى ئۆگىنىش قىلسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ئەتىگەندە كىتاب ئوقۇسا ئەستە چىڭ ساقلىغىلى بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki