بالىلارنىڭ كۆكرەك ئايلانمىسى قانداق ۋاقىتتا باش ئايلانمىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالا تۇغقان ئانىلارنىڭ ھەممىسى تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئاغرىق ۋە ئازابنى ئۇنتۇيالمايدۇ، تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق بولسا ھامىلە بېشىنىڭ كۆرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھامىلە مەزگىلىدە، بالىلارنىڭ باش قىسمىنىڭ يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغاندا بالىلارنىڭ بېشى كۆكرەكلىرىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ، بىراق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى يېتىلىش جەريانىدا، كۆكرەك قىسمىنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى باش ئايلانمىسىدىن تېز بولىدۇ. تەخمىنەن بىر ياش ئەتراپىدا كۆكرەك ئايلانمىسى باش ئايلانمىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، كۆكرەك ئايلانمىسىنىڭ چوڭ - كىچىك بولۇشى بالىنىڭ ئۆپكىسىنىڭ چوڭ - كىچىك بولۇشىدىكى مۇھىم ئۆلچەم. كۆكرەك ئايلانمىسىنىڭ چوڭ بولۇشى ئوكسىگېننىڭ ئۆپكە ئارقىلىق شۈمۈرۈلۈپ باشقا ئەزالىرىغا يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىشىدە ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى ئەزالار ۋە سىستېمىلارنىڭ يېتىلىشى، ئىقتىدارى ئۈچۈن نورمال بولغان ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ كۆكرەك ئايلانمىسىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ، بالىلار كۆكرەك ھەرىكىتى قىلغۇزۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ كۆكرەك ۋە ئۆپكىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق.