UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىككى يېرىم ياشلىق بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى ئادەتتە قانچىلىك سەۋىيىدە بولسا بولىدۇ؟

ئىككى يېرىم ياشلىق بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى ئادەتتە قانچىلىك سەۋىيىدە بولسا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ. ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەندە، بەزىبىر جۈملىلەرنى دېيەلەيدىغان بولىدۇ، سۆزىدە <مەن> دېگەن سۆز بىر ئاز كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن: باشقىلارغا ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا <مېنىڭ ئىسمىم xxx> دەيدۇ ھەم بېرىش - كېلىش قىلغاندا ئويلىنىشقا باشلايدۇ ۋە گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەسىلەن: <بىز نەگە بېرىپ ئوينايمىز؟> دېگەندەك. بۇ ۋاقىتتا بالىلار ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بەك گەپ ئاڭلاپ كەتمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئادىتى ۋە تەشەببۇسى بولۇشقا، قارشىلىق كۆرسىتىش ئېڭى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. خىلمۇخىل شەيئىلەرنىڭ رەڭگىنى پەرق ئېتەلەيدۇ، ئىككىدىن يۇقىرى ساننى سانىيالايدۇ. ئاددىي بولغان شېئىرلارنى يادلىيالايدۇ ۋە يەنە بىر قىسىم ئاددىي بولغان بالىلار ناخشىسىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. تەلەپ بويىچە ئاددىي شەكىللەرنى ياساپ چىقىرالايدۇ، قەلەمنى تۇتۇپ <+> خەت شەكىللىرىنى سىزالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە