UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئاچقۇچ بولمىسىمۇ ئاپتوموبىلنى كونترول قىغىلى بولامدۇ؟

ئاچقۇچ بولمىسىمۇ ئاپتوموبىلنى كونترول قىغىلى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بارلىق ئاپتوموبىللاردا كۆپلىگەن ئاچقۇچ بولىدۇ، مەسىلەن، ئاپتوموبىل ئىشىكىنىڭ ئاچقۇچى، يۈك - تاق ساندۇقىنىڭ ئاچقۇچى، ماي باكىنىڭ ئاچقۇچى، ئاپتوموبىل ماتورىنى ئوت ئالدۇرىدىغان ئاچقۇچ قاتارلىقلار. مۇشۇنداق كۆپ ئاچقۇچلار بىر ئاپتوموبىلنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. نۆۋەتتە، بەزى ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتلىرى ئاچقۇچ ئىشلەتمەيدىغان بىر خىل ئاپتوموبىلنى لايىھىلىمەكتە. بۇ خىل ئاپتوموبىلدا ئىشلىتىلگەن ئىلغار ئېلېكترونلۇق كونترول قىلىش سىستېمىسى ئەنئەنىۋى ئاچقۇچ بىلەن قۇلۇپنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىگەن. ئىناۋەتلىك كارتوچكا چوڭلۇقىدىكى بىر ئېلېترونلۇق قۇرۇلمىدا سىگنال قوبۇللىغۇچ بىلەن تارقاتقۇچ بار بولۇپ، مىكرو تىپلىق باتارېيىنى توك مەنبەسى قىلىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشىگە ئىنتايىن قۇلايلىق. ئاپتوموبىلنى ئىشلەتكەندە كارتوچكا شەكلىدىكى ئېلېترونلۇق قۇرۇلمىنى ئاپتوموبىل گەۋدىسىدىكى مەخسۇس كارتۇچكا تۆشۈكىگە كىرگۈزسىلا بولىدۇ. ئاپتوموبىل ئىگىسى كىرگۈزگەن شىفىر بىلەن ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىدىكى شىفىر ماس كەلسە، ئاپتوموبىل ئىشىكى ئېچىلىدۇ. ئاپتوموبىلغا چىققاندا خاس كۇنۇبكىنى باسسىلا ئاپتوموبىل ئاپتوماتىك ئوت ئالىدۇ. بۇ خىل ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلگەن ئىلغار ئېلېكترونلۇق كونترول قىلىش سىستېمىسى ئەنئەنىۋى قۇلۇپ بىلەن ئاچقۇچنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلگەچكە، ئەسلىدىكى مۇرەككەپ بولغان <ئاپتوموبىل ئىشىكى> نى ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇ يەنە ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكىنى كونترول قىلىش، ئاپتوماتىك ھالدا ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە. ھەر بىر ئادەمنىڭ بارماق ئىزى ئوخشاشمىغاچقا، بارماق ئىزى بىر ئادەمىڭ ئەڭ ياخشى <شىفىرى> بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كەلگۈسىدىكى ئاپتوموبىللاردا <بارماق ئىزى شىفىرى> بىلەن ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېچىش ۋە ماتورنى ئوت ئالدۇرۇش قاتارلىقلار كونترول قىلىنىدۇ. ئاپتوموبىلنى ئوغرىلاشقا پۈتۈنلەي خاتىمە بېرىلىدۇ. كەلگۈسىدىكى ئاچقۇچ ئىشلەتمەيدىغان ئاپتوموبىللار سىزنى تېخىمۇ قۇلايلىق، تېخىمۇ بىخەتەر ھېس قىلدۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە