نېمە ئۈچۈن ھەممە تاۋارنىڭ ئۈستىدە تاياق كود بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇن تاۋارنىڭ قېپىدا، ئاق - قارا رەڭلىك تاياق كود بولىدۇ. ئۇ بىر خىل ئالاھىدە بەلگە، ئۇ تاۋارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇرلارنى، مەسىلەن، ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەت، زاۋۇت ۋە تاۋار ئىسمى قاتارلىقلارنىڭ كودىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بۇ خىل بەلگىلەرنى كوميۇتېردىلا <كۆرۈپ> چۈشەنگىلى بولىدۇ.
تاياق كود قارىماققا پەرقلەنمەيدىغاندەك، ھەممىسى ئوخشاشلا رەت - رەت قارا سىزىقلاردىن تۈزۈلگەندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر خىل تاۋارنىڭ تاياق كودىدىكى قارا سىزىقلارنىڭ كەڭ - تار ئارىلىقى پەرقلىق بولىدۇ، بۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوخشاشمىغان ئۇچۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
تاياق كود ئارقىلىق تاۋار باشقۇرۇش ناھايىتى قۇلايلىق. چوڭ سودا سارايلاردا مال ساتقۇچى نەچچە مىڭ خىل تاۋارنىڭ باھاسىنى ئېسىدە ساقلىشى، تاۋار سېتىلغاندا، تاۋارنىڭ ئىسمى، باھاسىنى خاتىرىلىۋېلىشى، ئاندىن كېيىن، كومپيۇتېردا ئومۇمىي باھانى ھېسابلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كېلىپ چىقىپلا قالماي، ئاسانلا خاتالىق سادىر بولىدۇ. ھازىر، تاياق كود بولغاچقا، مال ساتقۇچى تاياق كودنى كوميۇتېرغا ئۇلانغان <تاياق كود سىكاننېرى> غا توغرىلىسىلا، تاۋارنىڭ ئىسمى، باھاسى قاتارلىقلار كومپيۇتېرغا كىرىدۇ. بۇ ئۇسۇل ھەم تېز، ھەم توغرا بولۇپ، يەنە ئېھتىياجغا ئاساسەن تاۋار باھاسىنى ھەر ۋاقىت ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ - كومپيۇتېردا ساقلانغان سانلىق قىممەت ئامبىرىنى ئۆزگەرتسىلا بولىدۇ. ھازىر، تاياق كود تاللا بازىرى، دوختۇرخانا، كۇتۇپخانا، كىتابخانا قاتارلىق ئورۇنلارنى زامانىۋى باشقۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىماقتا.