مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟
نېمە ئۈچۈن
كىچىككىنە لىپىلداق بوۋاق باش قىسمىنىڭ يېتىلىشى ھەم ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ بىر مۇھىم كۆزنىكى. ئاتا - ئانىلار بۇ كىچىككىنە كۆزنەكنى ياخشى كۆزىتىشى ۋە غەيرىي ئەھۋاللار بار - يوقلۇقىنى بالدۇر بايقىشى كېرەك. مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنى تەكشۈرۈش بالىلار بۆلۈمى كلىنىكىسىدا مۇھىم ئەھمىيىتىگە ئىگە. نورمال ئەھۋالدا مېڭە ئالدى لىپىلدىقى تەكشى، مېڭە ئىچكى بېسىمى تۆۋەنلىگەندە ئولتۇرۇشۇپ، مېڭە ئىچكى بېسىمى ئارتقاندا سەل كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. شۇڭا بالىلار بۆلۈمىدىكى دوختۇر، سىستېرالار مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن مېڭە ئىچكى بېسىمىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ. مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنىڭ تولۇق كۆپۈشى مېڭە ئىچكى بېسىمىنىڭ بەك يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دائىم مېڭىگە سۇ يىغىلىش، مېڭە پەردە ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى، مېڭە ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ. مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى دائىم سۇسىزلىنىش، ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش ھەمدە زىيادە ئورۇق بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنىڭ كېچىكىپراق ئېتىلىشى كۆپىنچە مېڭىگە سۇ يىغىلىش، كرېتىنىزم كېسەللىكى ھەم راخىت كېسىلىدە كۆرۈلىدۇ، شۇڭا 18 ئايلىقتىن چوڭ بوۋاقلارنىڭ مېڭە ئالدى لىپىلدىقى ئېتىلمىگەن بولسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك. مېڭە ئالدى لىپىلدىقى بالدۇر ئېتىلىش ياكى بەك كىچىك بولۇش باشنىڭ زىيادە كىچىكلىك غەلىتىلىكىدە كۆرۈلىدۇ. چوڭ مېڭە تولۇق يېتىلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەقلىي ئىقتدارى تۆۋەن ياكى باشقا نېرۋا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بوۋاق ۋاقىتتا مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ئولتۇرۇشقان ياكى كۆپۈپ چىقىشى ھەمدە ئېتىلىش ئەھۋالىنىڭ ھەممىسىگە ئاتا - ئانىلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ، غەيرىي بىنورمال ئەھۋاللارنى بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالاشقا پايدىلىق.[HJ55x]
[JZ][FT4\"NBK]يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى
[JZ] بولامدۇ؟
[FT4,4\"NDA]نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بولمايدۇ، نەرسىلەرنى كۆرەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. بوۋاقلار تۇغۇلۇشى بىلەنلا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئىگە بولۇپ، يورۇقلۇق چۈشۈرگەندە، بوۋاقلار كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ. لېكىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئىنتايىن ئاجىز، پەقەت كۆز ئالدىدىكى 60 سانتىمېتىر ئارىلىقنىلا كۆرەلەيدۇ. 20 سانتىمېتىر ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق ئارىلىق ھېسابلىنىدۇ. كۆرۈش سېزىمىگە بولغان ئەڭ بۇرۇنقى تەسىر ئانىنىڭ يۈزىدىن كېلىدۇ. سەۋەبى ئېمىۋاتقاندا ئانىنىڭ يۈزى بىلەن بوۋاق كۆزىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ ئېگىلىش دەرىجىسى چوڭراق، كرىستال تەنچە بىر ئاز كۆپۈنكى شەكىلدە بولۇپ، فىزىئولوگىيىلىك يېقىننى كۆرەلمەسلىكنى شەكىللەندۈرگەن. كېيىن كۆز ئالمىسىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ بارا - بارا نورماللىشىدۇ ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ ئۆسىدۇ.