UyghurWiki
UyghurWikiنەمەدادا، سەن قەيەردە؟

دادا، سەن قەيەردە؟

نېمە ئۈچۈن ئانا - بالا بىر ئۆيدىكى چاغدا دادىنىڭ ھەرىكىتىنى چەتكە قاقماسلىق كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بۇ چاغدا دادىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، تۇنجى قېتىم دادا بولغان ھەرقانداق سالاپەتلىك ئەرلەرنىڭ بۇ چاغدا پۇت - قوللىرىنىڭ كالامپايلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. تۇغۇت ئۆيىنىڭ سىرتىدا جىددىيلەشكەن ھالدا ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن دادا بۇ ئوماققىنە قوزىسىنى قۇچىقىغا ئالغاندا جىددىيلىشىدۇ، ئانا - بالا بۇ ۋاقىتتا دادىنىڭ كۆيۈنۈشىگە ناھايىتى موھتاج. ئانا - بالا بىر ئۆيدە تۇرغاندا، دادىنىڭمۇ تۇرۇشىغا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. دادىمۇ بالىغا قانداق قاراشنى ئۆگىنىپ، ئايالىنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى ھېرىپ - چارچىشىنى چۈشىنىپ، بالا بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتنى كۆپەيتىشى، دادا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى شۇنداقلا ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدىكى چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش پۇرسىتىنى يارىتىش كېرەك. قېنى دادا بولغان ئادەم، ئىشىك سىرتىدا تۇرۇۋەرمەي. ئىشىكنىڭ ئىتتىرىپ كىرىڭ، ئوماق قوزىڭىز بىلەن ئايالىڭىز سىزنى ساقلاۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە