UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قانداق ۋاقىتتا B تىپلىقجىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملىنىدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قانداق ۋاقىتتا B تىپلىقجىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىنسانلار سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مۇھىم يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، جۇڭگودىكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى تۇغۇلغان ياكى ئۆسمۈر مەزگىلىدە يۇقۇملانغۇچىلاردۇر. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مۇداپىئەسى ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچى كەمچىل، ئەگەر بۇ ۋىرۇس بىلەن بىلەن يۇقۇملىنىپلا قالسا، بۇ ۋىرۇسنى يوقاتماق ئىنتايىن تەس بولغانلىقتىن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بولۇپ قالىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن ئەملىگەندە، بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى ۋە ۋىرۇس تارقىلىش يوللىرىنى چەكلىگىلى بولىدۇ. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەيدىغان ئورۇن يۇقىرى بىلەك ئۈچبۈرجەك مۇسكۇل. بارلىق ئەملەش جەريانى ئۈچ ئوكۇل ئۇرۇشقا موھتاج؛ بىرىنچى ئوكۇل بوۋاق يېڭى تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە ئۇرۇلىدۇ؛ ئىككىنچى ئوكۇل تۇغۇلۇپ بىر ئايلىق بولغاندا ئۇرۇلىدۇ؛ ئۈچىنچى ئوكۇل تۇغۇلۇپ ئالتە ئايلىق بولغاندا ئۇرۇلىدۇ ھەمدە داۋالاش كۇرسى تۈگىگەندىن كېيىن ئۈنۈملۈك دەرىجىسى %90 ~ %95 كە يېتىدۇ. ئىممۇنىتېت مەزگىلى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، ۋاقىت توشقاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كۈچەيتىپ ئۇرۇش كېرەك. ئانا تەرەپ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى يۈزەكى ئانتېگىنى ۋە e ئانتېگىنى قوش مۇسبەت خاراكتېرلىك دەپ قارالغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئەڭ ياخشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىنى بىلەن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش كېرەك. ئاساسلىق ئۇسۇلى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىككى قېتىم يۇقىرى ئۈنۈملۈك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىنى (تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ۋە تۇغۇلۇپ بىر ئايلىقتا بىر قېتىمدا بىر تالدىن ئۇرۇلىدۇ. ھەر دانىسى 200 خەلقئارالىق بىرلىك) بىلەن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى (ھەر قېتىمدا 10 مىكروگرامدىن، تۇغۇلۇپ ئىككى، ئۈچ، بەش ئايلىقتا ھەر ئايدا بىر قېتىم) ئۇرۇلىدۇ يەنە تۇغۇلۇشى ھامان بىر دانە يۇقىرى ئۈنۈملۈك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىممۇنىتېتلىق گىلوبۇلىنى ھەم ئۈچ قېتىم B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى (ھەر قېتىمدا 15 مىكروگرام، تۇغۇلغان ھامان ھەم بىر ئايلىقتا، ئالتە ئايلىقتا بىر قېتىمدىن) ئۇرسىمۇ بولىدۇ. ئىككى خىل ئۇسۇل ساقلاپ قالىدىغان مۇۋەپپەقىيەت ئۈنۈمى %90 تىن يۇقىرى.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قانداق ۋاقىتتا B تىپلىقجىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملىنىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki