بالىنىڭ ئەقىللىق بولۇش - بولماسلىقى ئانا بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئالدى بىلەن ئىرسىيەت ئىلمى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قارىغاندا، پەرزەنتىنىڭ ئەقىللىق بولۇش - بولماسلىقى ئانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدا قارىشىچە، بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى گېن خروموزوماغا جايلاشقان بولۇپ، ئانىدىكى خروموزومادىكى گېن ئارقىلىق بالىنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ يېتىلىش دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن. ئاتىدىكى گېن بولسا كېيىنكى ئەۋلادنىڭ ھېسسىيات ۋە مىجەز - خاراكتېر قاتارلىقلارغا ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ نەزەرىيىگە ئاساسلانغاندا، ئوغۇل بالىدا ئوڭايلا <ئىككى قۇتۇپلۇق پارچىلىنىش> بولىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. يا ئالاھىدە ئەقىللىق بولىدۇ، يا ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئەكسىچە قىزلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ئادەتتىكىچە بولىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئەقىللىق بولۇشى ئۈچۈن، ئەقلىي قابىلىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئەرنى تېپىشى شەرت ئەمەس. ئەكسىچە ئەر ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىنىڭ ئەقلىي قابىلىيەت جەھەتتە يۇقىرى بولۇشىنى ئارزۇ قىلسا، چوقۇم ئەقىللىق قىزلارنى تېپىپ ئۆيلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىمۇ سۈپەتلىك تۇغۇش ۋە تەربىيىلەش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھامىلىنىڭ تۇغۇلغاندىكى كەمتۈك بولۇپ قېلىش قاتارلىق خەتەر ئامىللىرىمۇ ئانىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.