UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردىن قانداق خەۋەر ئېلىش كېرەك؟

تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردىن قانداق خەۋەر ئېلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بۇ خىل كېسەلدە بالدۇرراق بايقاپ توغرا دىئاگنوز قويۇش تەكىتلىنىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېسەللىك بايقالسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ئايرىپ تۇرۇپ داۋالاش كېرەك. بۇ خىل كېسەل بىلەن ئاغرىغان بىماردىن خەۋەر ئالغاندا، ئالدى بىلەن دائىم ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، كىيىم، يوتقان - كۆرپىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ، ۋاقتىدا ئاپتاپقا سېلىش، ئۇنىڭدىن باشقا، بىمار ياندۇرغاندا چوقۇم بىمارنىڭ بەدەن قىياپىتىگە دىققەت قىلىپ، ياندۇرغان نەرسىلەرنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىپ، دېمى سىقىلىشنىڭ ياكى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ۋە ئېغىز بوشلۇقى يېپىشقاقلىقنىڭ، كۆكىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.تېرىنىڭ قۇرغاق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر تېرىدە داغ پەيدا بولسا، دەرھال ۋاقتىدا دورا سۈرتۈپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىمارغا ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇقى مول بولغان شىرنىلەرنى ۋە شىرنىلىك يېمەكلىكلەرنى بېرىش، بىمار قاتتىق قىزىپ كەتسە، كۆپرەك سۇ بېرىش، ھوشىدىن كەتكەن بىمارنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، بىخەتەرلىكىنى قوغداش شۇنداقلا بىمارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، نورمالسىز ئەھۋالنى بايقىغان ھامان دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە