UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ئوزۇقلۇق ماددىلار دېگەن نېمە؟

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ئوزۇقلۇق ماددىلار دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئادەم بەدىنى نورمال بولغان ھاياتىي پائالىيەت جەريانىدا، ئورگانىزملار يۇقىرى دەرىجىدىكى رادىئاتسىيىنى قوبۇل قىلىدۇ. مەلۇم بىرخىل دورا ئۆسۈملۈكلىرى ھەتتا راك كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىدىكى خىمىيىلىك ھاياتلىق ئاساسىغا ئىگە بولىدۇ. خىمىيىدە بۇ خىل ئاتوملار <ئاساس> دېيىلىدۇ، بۇ خىل ئاتوملار توپلىمى ياكى ئاساسلار دائىم بىر كوللېكتىپ ھالدا خىمىيىلىك ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ ھەم ئوخشاش بولمىغان مولېكۇلىلار ئارا ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. بىر قىسىم ئېنېرگىيىسى زىيادە يۇقىرى بولغان خىمىيىلىك ئىنكاس جەريانىدا، بۇ خىل ئاساسلار بىر ئېلېكتروننى يوقىتىپ، ئورگانىزملار ئىچىدە توپلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ <ئەركىن ئاساس> دېيىلىدۇ، بۇ خىل ئاساس ئېلېكتروندىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۇراقسىز بولىدۇ ھەم ناھايىتى يۇقىرى ئېنېرگىيىگە ئىگە بولۇپ، دائىم ساغلام بولغان ھۈجەيرىلەردىن ئېلېكترون قوبۇل قىلىۋالىدۇ - دە، ئادەم بەدىنىدىكى ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىدلىنىشىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىنى ياكى خىلمۇخىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش دورىسى بىلەن ئەركىن ئاساس ئۆزئارا زىددىيەتلىك ماددا بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش دورىسى مۇستەقىل مولېكۇلالاردىن تۈزۈلگەن. ئۇ ئېلېكتروننى <ئەركىن ئاساس> قا قايتۇرۇپ، بەدەندە زىيانلىق ماددىلارنى پەيدا قىلمايدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى نورمال ھۈجەيرىلەرنى قوغدايدۇ، ئوكسىدلىنىشقا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى قوغدايدۇ، ئادەتتە كىشىلەر ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش دورىسىنىڭ رولىدىكى ئوزۇقلۇق ئامىللارنى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ئوزۇقلۇق ماددىلار دەپ ئاتايدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە