UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن سوغان (يەلتاشما)، قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇش
تەۋسىيە قىلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن سوغان (يەلتاشما)، قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تارقىلىشچان قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى — قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ۋىرۇسى نەپەس يولى ئارقىلىق تارقىلىدىغان جىددىي يۇقۇملۇق كېسەل. كىلىنىكىلىق ئالامىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى قۇلاق ئالدى بېزى ئىششىپ ئاغرىش بولۇپ، كېسەللىك باشلىغاندا دائىم قىزىش، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدىنى بىئارام بولۇش، مۇسكۇل ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىللە كېلىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك جەريانى ئون كۈن ئەتراپىدا ساقىيىدۇ. سوغان بولسا سوغان ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس يولى ئارقىلىق تارقىلىدىغان جىددىي يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا تولمىغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە قىزىش، ئەسۋە، قۇلاق ئارقا لىمفا تۈگۈنى ئىششىش، باش ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، مۈڭگۈزلۈك پەردە ياللۇغى، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، كېسەل جەريانى ئۈچ - بەش كۈندە ساقىيىدۇ. گاھى - گاھىدا ئۆپكە ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر بىللە كېلىدۇ. بوۋاق بىر ياشقا تولغاندا سوغان، قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ۋاكسىنىلىرىنى ئۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئىككى خىل جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە قىزىل، سوغان، قۇلاق ئالدى بەز ياللۇغى ئۈچ ۋالېنتلىق ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇش ئارقىلىقمۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. مەيلى قىزىل، سوغان، قۇلاق ئالدى بەز ياللۇغى ئۈچ ۋالېنتلىق ۋاكسىنىسى بولسۇن ياكى سوغان، قۇلاق ئالدى بەز ياللۇغى ۋاكسىنىسى بولسۇن، ئوخشاشلا كۆكيۆتەل، بوغما، تېتانۇس، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەملەشكە بولىدۇ. گەرچە ۋاكسىنىنىڭ ئەكس رېئاكسىيىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولسىمۇ، لېكىن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا ئوخشاشلا ئەملەپ ئۈچ ئاي ئىچىدە قورساق كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.4/6بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەققىدە 200 سوئال