نېمە ئۈچۈن ئادەمگىياھ ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا ئۆسۈشنى ياخشى كۆرىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەمگىياھ بىر خىل قىممەتلىك جۇڭيى دورىسى بولۇپ، ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چاڭبەيشەن تاغلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قويۇق ئورمانلار ئارىسىدا ئۆسىدۇ. ئېلىمىزنىڭ باشقا تاغلىق رايونلىرىدىن ئادەمگىياھ چىقمايدۇ. ئادەمگىياھنىڭ ئۇ جايدىن چىقىشىدا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەب بار:
بىرىنچىدىن، ئادەمگىياھ 15 - 20 سېلسىيە گرادۇسلۇق مۇھىتتا ئۆسۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغاندا ئۆسۈشتىن توختايدۇ ھەتتا ئۆلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گرادۇستىمۇ ئۆلمەي، يەنىلا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ. چاڭبەيشەن تاغلىق رايونى شىمالىي كەڭلىك 42 گرادۇس ئەتراپىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 450 - 1200 مېتىر بولۇپ، 1 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 71 سېلسىيە گرادۇس، ئەڭ ئىسسىق بولىدىغان 7 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 22 سېلسىيە گرادۇس، شۇڭا ئۇ جاينىڭ كىلىماتى ئادەمگىياھنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئادەمگىياھ چېچىلما يورۇقلۇق ياكى بىر قەدەر ئاجىز يورۇقلۇقتا ناھايىتى ياخشى ئۆسىدۇ؛ كۈچلۈك قۇياش نۇرى بىۋاستە چۈشسە ئۆلىدۇ، چاڭبەيشەن تاغلىق رايونىدىكى كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلاردا، كەڭ يوپۇرماقلار بىر قىسىم قۇياش نۇرلىرىنى توسۇۋېلىپ، چۈشىدىغان قۇياش نۇرىنى ئىنتايىن ئاجىزلىتىۋېتىدۇ، بۇ ئادەمگىياھنىڭ ئۆسۈشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ئادەمگىياھ چىرىندى ماددىلار بىر قەدەر مول بولغان قوڭۇر ئورمان توپىسىدا ئۆسۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. كەڭ يوپۇرماقلىق ئورماننىڭ ھەممىلا جايى ئادەتتە يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئورمان ئىچىدە كۆپ مىقداردىكى قۇرۇغان قالدۇق شاخ - يوپۇرماقلار دۆۋىلىنىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك چىرىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ چىرىندى ماددىلار تۇپراقنىڭ تۈزۈلۈشىنى بىر قەدەر يۇمشاق ھالەتكە ئۆزگەرتكەن. بۇمۇ ئادەمگىياھنىڭ ئۆسۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.
ئېلىمىزنىڭ باشقا تاغلىق رايونلىرىدا بۇ شەرتلەر ھازىرلانمىغان، شۇڭا ئۇ جايلاردا ئادەمگىياھنىڭ ماكانلىشىشى قىيىن.