يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول بىلەن مېترونى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى يەر ئۈستى قاتنىشى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى، رېلىسلىق قاتناش بولسا ۋاقتىدا، قۇلايلىق، ئازدادە بولۇش ۋە ئېنېرگىيە تېجەشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغان رېلىسلىق قاتناش قوراللىرىدىن يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول ۋە مېترو بار. نۇرغۇن ئادەملەر ئاددىي ھالدا يەر ئاستىدا ماڭىدىغىنى مېترو، يەر ئۈستىگە ياسالغىنى يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يولنىڭ داڭق چىقىرىشى ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن پولات رېلىسنىڭ ئېغىرلىقى مېترونىڭكىدىن يېنىك بولغانلىقتىن بولغان دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا چۈشەنچە.
يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول بىلەن مېترونىڭ پەرقى ئۇنىڭ يەر ئۈستى ياكى يەر ئاستىدا ماڭىدىغانلىقىدا ئەمەس، ئالايلۇق، شاڭخەي مېتروسىنىڭ 1 - نومۇرلۇق لىنىيىسىنىڭ بىر بۆلىكى يەر ئۈستىدە، بەزى دۆلەتلەردە مېترونىڭ بىر قىسمى ھەتتا ئېگىزگە ياسالغان. پولات رېلىسنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئىككىسىنى پەرقلەندۈرۈشمۇ توغرا ئەمەس. پەقەت قاچىلاش ئېغىرلىقىغا قاراش ئىككىسىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى.
يېنىڭ رېلىسلىق تۆمۈر يولنىڭ يولۇچى ۋاگونى ئادەتتە ئالتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ھەر بىر ۋاگوننىڭ يولۇچى مىقدارى 202 ئادەم، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 224 ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. مېترونىڭ يولۇچى ۋاگونى تېىمۇ كۆپ بولىدۇ، دائىم ئوندىن ئېشىپ كېتىدۇ، ھەر بىر ۋاگوننىڭ يولۇچى مىقدارى 310 ئادەم، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 410 ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، مېترونىڭ قاچىلاش ئېغىرلىقى يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يولنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقتىدا مېترو سائىتىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 60 مىڭ ئادەم قېتىم توشۇيدىكەن. يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول بولسا ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 مىڭ ئادەم قېتىم توشۇيدىكەن.