UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلارغا قانداق بوۋاقلار ھارۋىسى تاللاپ بېرىلىدۇ؟

بوۋاقلارغا قانداق بوۋاقلار ھارۋىسى تاللاپ بېرىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاق ئۈچ - تۆت ئايلىق بولغاندا سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ئاپتاپسىندۇرۇشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن بىر ھارۋا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشكە بولىدۇ. بوۋاققا بوۋاقلار ھارۋىسى تاللىغاندا، تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك: 1. بىخەتەرلىكى. بوۋاقلارغا بوۋاقلار ھارۋىسى تاللىغاندا، بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، نۇرغۇن بىخەتەرلىك ئامىللىرى ئىچىدە، قاتلىنىش قۇرۇلمىسى ئەڭ مۇھىم ھالقا. شۇنداقلا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈسكۈنىسى بولۇشى، نورمال قاتلىنىش ئۈسكۈنىسى ئىشلىمىگەندە، ئۇ قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئاندىن تورمۇز ۋە سۈرئەت ئاستىلىتىش ئۈسكۈنىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى بوۋاقلار ھارۋىسى تىنچ تۇرغان ھالەتتە قارىغۇچى ھەر دائىم چوقۇم ھارۋىنىڭ قېشىدا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھارۋىنى تورمۇزلاش ئۈسكۈنىسى بىلەن مۇقىم توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە بىخەتەرلىك تاسمىسى ۋە ئالدى مۇھاپىزەت رىشاتكىسى سەپلەنگەن بولۇشى، بوۋاقنىڭ قالايمىقان ھەرىكەت قىلىپ ھارۋىدىن چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 2. راھەتلىكى. تەگلىك بوۋاق بىلەن ئەڭ كۆپ تېگىشىپ تۇرىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا ئولتۇرۇش، يېتىشتا قوش پايدىلىنىدىغان ھارۋىنىڭ سېلىنجىسى كەڭرەك ۋە قېلىنراق بولۇشى، سېلىنجىنىڭ يۈكى ئېغىرلىغاندىن كېيىن بېسىلىش دەرىجىسى بەك چوڭ بولماسلىق، بولمىسا بوۋاق ئولتۇرغاندا بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بوۋاقنىڭ باش قىسمىنى قوغداش ئۈچۈن يۇمشاق باش قوغداش يۆلەنچۈكى بار ھارۋىلارنى تاللاش كېرەك. 3. قۇلايلىقلىقى. بۇنىڭغا ئائىت سەپلىمە ئۈسكۈنىلەردىن ئاساسلىقى كۈن توسقۇچ لاپاس، نەرسە قويىدىغان سېۋەت، سىلكىنىشتىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىسى، پەتنۇس، يامغۇر قېپى قاتارلىقلار بار. ئاتا - ئانىلار ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ۋە ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن سېتىۋېلىش، زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكىنى ئويلىشىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە