UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلاردىكى زىققە كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

بالىلاردىكى زىققە كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ناھايىتى كۆپ بالىلار تانا قۇرتى تۈپەيلىدىن بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا شەخسىي تازىلىققا قاتتىق دىققەت قىلىپ، تۇرالغۇ ئۆيدە پانا قۇرتى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك: ئالدى بىلەن شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا مۇنچىغا كىرىش. مەخسۇس لۆڭگە ۋە مۇنچا ئەسۋابلىرى بولۇشى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆينىڭ مۇھىتى ۋە تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ئادەتتىكى ئەھۋالدا باھار، ياز پەسلىدە بۇ خىل قۇرتنىڭ يۇقۇملىنىش ۋاقتى يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەن ۋاقىت بولغاچقا، بۇ پەسىلدە تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىپ، ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئۆينى قۇرغاقراق تۇتۇش كېرەك. چۈنكى بۇ خىل قۇرت گىلەم ئارىسىدا تېز كۆپىيىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يەرگە گىلەم سالماسلىق، ھەر ھەپتىدە كىرلىك، پەردە قاتارلىقلارنى 55℃ ئەتراپىدىكى سۇدا يۇيۇپ چايقاش كېرەك. ئۆينىڭ چاڭ - توزان بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆيدە بالا يوق چاغدا ئاندىن سۈپۈرۈپ، تازىلاش، بالىلارنىڭ يۇڭلۇق ئويۇنچۇقلىرىنى دائىم پاكىزلاپ، ئاپتاپقا سېلىش شۇنداقلا زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئىزدەشكە دىققەت قىلىش ۋە بۇ خىل مەنبە بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش ھەم بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلاردىكى زىققە كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki