UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتاماكا چېكىشنىڭ ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشقا تەسىرى بولامدۇ؟

تاماكا چېكىشنىڭ ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشقا تەسىرى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئانىلار تاماكا چەكسە قان سۇيۇقلۇقىدىكى نىكوتىن مىقدارى ئۆرلەپ كېتىدۇ ۋە سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمۇنلارنى كونترول قىلىۋالىدۇ. سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشى ئازلاپ، بالدۇرلا بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىشقا مەجبۇر بولۇپ، داۋاملىق ئېمىتىشكە ئامالسىز قالىدۇ شۇنداقلا سۈتنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن مىقدارى قان سۇيۇقلۇقىدىكى تەركىبىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، تاماكا ئىسى بالا ئەتراپىنى قورشاپ، بالىىڭ نەپەس ئېلىشىغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن، زەھەرلىك گاز ۋە ماددىلار بالىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ كېتىدۇ ھەم تاماكا ئىسى بالىنىڭ بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسىنى قوزغاپ، كۆپلەپ <پوتلا> لارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بالىنىڭ ئۆپكىسىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا چىققان ئاجراتمىلار بالىنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىنى توسۇۋېلىپ، نورمال ئېمىشىگە تەسىر قىلىدۇ. قىسقىسى، تاماكا چېكىش ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشقا پايدىسىز
← بارلىق تېمىلار نەمە